سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئۆزۈمنى ئۆزۈم
مېھىرنىسا قۇربان
تەغدىرىم ماڭا قىلدى قاراملىق،
ئاغرىدى يۈرەك تاپماي ئاراملىق.
ھايات يولۇمنى مىڭىپ داۋاملىق،
بولاي ئۆزۈمگە ئەمدى ياراملىق،
سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئۆزۈمنى ئۆزۈم.
كۆڭۈل بېغىمغا گۈللەرنى تېرىپ،
بېرەي مېھرىمنى كەتسەممۇ ھېرىپ،
ئېچىلسۇن غۇنچە بەرگىنى يېرىپ،
چىن مېھرىلەردىن كىتەيمەن ئېرىپ،
سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئۆزۈمنى ئۆزۈم.
ئارىلاپ چىقاي جاھاننى كىزىپ،
ماڭار يولۇمغا گۈل-چىچەك تېزىپ،
ھايات بېتىمگە ئۆچمەس ئىز يېزىپ،
شۇ چاغ ئۆزۈمنى بەخىتلىك سېزىپ.
سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئۆزۈمنى ئۆزۈم.
ئويغا سالمىسۇن تۈگمەس غەملىرىم،
يىراققا كەتسۇن دەرت ئەلەملىرىم.
كەلسۇن يېنىمغا شادلىق دەملىرىم،
گۈلگە پۈركەنسۈن ھەر قەدەملىرىم.
سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئۆزۈمنى ئۆزۈم.
تەغدىر چاقچىقىڭ كەلدى ماڭا ھار،
ھەر يەر ھەر جايدا قىلما مېنى خار.
قىلمىغىن ھەرگىز يوللىرىمنى تار.
بەخت كۈنلىرىم بولسۇن ماڭا يار.
سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئۆزۈمنى ئۆزۈم.
ئاڭلىغىن ئېيتاي يۈرەك سۆزۈمنى،
ياشلىما تەقدىر بىر جۈپ كۆزۈمنى.
سۆرۈن قىلمىغىن ئايدەك يۈزۈمنى،
يوقىتىپ قويماي يەنە ئۆزۈمنى.
سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئۆزۈمنى ئۆزۈم.
2016-11-27 غۇلجا شەھىرى
92 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-27 15:01:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|