ئىناقلىق كۈيى مەڭگۈ ئېيتىمەن
تۇرغۇن راخمان (كەپتەر)
مۇزلارئېرىپ، سۇلار شىلدىر-شىلدىر قىلىۋاتىدۇ،
سالقىن شاماللارغا ئەگىشىپ،قارلىغاچلار لەرزان ئۇچىۋاتىدۇ،
دېھقانلار ناخشا-قوشاق توقۇشۇپ،ئېتىزلىقلارغا چىقىۋاتىدۇ،
دوستۇم،يەنە يىپ-يېڭى گۈزەل باھار كەلگەن ئوخشايدۇ.
يىقىملىق ئەللەي ناخشىسى،بالىلارنى خۇشال كۈلدۈرۋاتىدۇ،
باغۋەنلەرنىڭ ئىللىق تەبەسسۈم چىرايلىرى جۇلالىنىۋاتىدۇ،
ئاتىلار شىجائەت بىلەن بالىلارنىڭ ئەتىسىنى كۆزلەۋاتىدۇ،
قاراڭ دوستۇم،ئىللىق قۇياش نۇرىغا،باھار كەلگەن ئوخشايدۇ.
پارتىيەنىڭ ئىللىق سىياسەت نۇرىدا،ھەممە كۈلىۋاتىدۇ،
زەپمۇ ئىللىق قوينىڭ ئانا ۋەتىنىم،بالىلارمۇ كۈلىۋاتىدۇ،
ئىناقلىقنىڭ مەڭگۈلۈك مىلودىيەسى مەكتىۋىمدە ياڭراۋاتىدۇ،
ئانا ۋەتىنىم،سېنى سۆيۈمەن،ئىللىق باھار كەلگەن ئوخشايدۇ.
سەپ-سەپ بولۇپ ئىشچىلار سېخلارغا چىقىۋاتىدۇ،
ساقچى تاغىلار جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ،
پەرىشتە سۈپەت دوختۇرلار چىن دىلدىن كېسەل كۆرۈۋاتىدۇ،
كىشىلەر بەك ئىجىل-ئىناق،گۈزەل باھار كەلگەن ئوخشايدۇ.
ئانا ۋەتىنىم،ھەممەيلەن تەرەققىيات ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ،
يۇقۇملۇق،ئىناقلىق كۈيىنى بەس-بەستە ياڭرىتىۋاتىدۇ،
توغرا سىياسەت نۇرىدا ئىناق جەمىيەتكە تەلپۈنىۋاتىدۇ،
قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيلى،يەنە گۈزەل باھار كەلگەن ئوخشايدۇ.
باھار كەلدى،باھارىم كەلدى،ۋەتىنىم قوينىڭدا قەلبىم ئىللىدى،
ئىللىق قوينىڭدا ئىلىم ئىگەللەپ،جاسارەت بىلەن ئالغا چامدايمەن،
بارلىغىم سېنىڭ،ئانا ۋەتىنىم ئەبەدىي-ئەبەد سېنى سۆيىمەن،
خۇددى باھاردەك ياشناپ مەڭگۈگە،ئىناقلىق كۈيى مەڭگۈ ئېيتىمەن.
76 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-22 22:43:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|