سۆيگۈ بەلكىم قىيىن ئىمتىھان
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
كۈتۈشلەرنى ئۇزاتسام تەستە ،
بۈگۈن ھىجران قەلبىمدە مىھمان .
ئۆتەلمەيمەن قىلىپ چارىسز ،
سۆيگۈ بەلكىم قىيىن ئىمتىھان .
ھىچ ئىش چىقماي بەلكىم روياپقا ،
ئۆز ئۆزۈمنى قىلىمەن ۋەيران .
قاخشال قىشتەك سۈكۈتكە چۆمسەم ،
باھار زىنھار قالمىغىن ھەيران .
ئۈچ كۈنلۈك چىن قىسقا ھاياتتا ،
بەلكىم سۆيگۈ نىشانسز ئارمان .
ساختا دەيدۇ لەنەتلەر پۈتۈپ ،
ماڭا ئوخشاش كۆرەلمەي دەرمان .
ھايات جەڭگاھ سۆيگۈ ئىمتىھان ،
پاكىز ياشاش ئاھ شۇنچىلىك تەس .
بەلكىم سۆيگۈ نۆل نومۇر مەڭگۈ ،
بەلكىم بىزنى باسار مەڭگۈ نەس .
سۆيگۈ بەلكىم ئاخىرقى نەپەس ،
ئۆلەر تالاي گۇناھسىز يۈرەك .
قەبرىلەردە ئۈمۈد ئۇچقۇنى ،
يۇلتۇز بەلكىم ئەڭ ئۇلۇغ تىلەك …
2016.يىلى 29.دىكابىر كۈيتۈن
| 284 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-1 16:29:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|