ئۆمۈر مەنزىلى - ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر

 مەرھۇم : شائىر ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمەن. ئەسلەش بىلەن بىرگە ئۇقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا ئالىم، يازغۇچى شائىر ئەدىپ: ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۈمۈر مەنزىلى» ناملىق شىئېرىنى سۇندۇم. ياقتۇر غايسىلە!


 ئۆمۈر مەنزىلى

 ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر



يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن،
سۆڭۈكۈم تاش كەبى قىتىپ بۇپتىكەن.
نەساۋاپ نە گۇناھ بىلگەن چىغىمدا،
گۇناھىم ھەق تارىغا يىتىپ بۇپتىكەن.

دۇسىت بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە،
ئۇ مىنى ياتلارغا سىتىپ بۇپتىكەن.
كۆزلىرىم كۇر ئىكەن كۆرگىنىم قۇرسۇن،
غەپلەتتە باھارىم كىتىپ بۇپتىكەن.

مەن نادان-نادان مەن يىللار ئالدىدا،
نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئىتىپ بۇپتىكەن.
ھۇشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم ئەمما،
كۆن مىنى ساقلىماي پىتىپ بۇپ تىكەن.

گۈل نىمە؟ نەتىكەن قەدرىنى بىل مەي،
ياخشىلار مىنىڭدىن كىچىپ بۇپ تىكەن.
ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قۇلۇمنى سۇنغاندا،
يەتمىدى بەك يىراق كىتىپ بۇپ تىكەن.

سىرلىرىم بار مىكىن دەپتىمەن ئەسلى،
سىرىمنى رەقىپلەر ئىچىپ بۇپتىكەن.
مەس ئىكەن يۈرىگىم  دەرت پۇشايماندىن،
قەدەھلەر تۇلدۇرلۇپ ئىچىپ بۇپتىكەن.

تىلەيمەن بىر تىلەك ھەمدۇ ساناھتىن،
ئۇ ماڭا كۆچ قۈۋەت بەرسە بۇپ تىكەن.
شۇم بۇيا تىكەنزار بۇلسىمۇ ئىزلىرىم،
سايلارغا بىر كۆچەت تىكسەم بۇپ تىكەن.

ئاپتۇرى: ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
          





109 قېتىم كۆرۈلدى قارام سۇلتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 19:42:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ