شىئېر ۋە مەن
يازدىم شىئىر مۇڭلارغا پېتىپ ،
قەلەم بىلەن روھىمنى قېزىپ .
ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن زىمىن ،
جىمجىت گويا مىنىڭدەك غېرىپ.
شىئىرىمدا بىر ئاشىق يىگىت ،
دەرت ئېيتىدۇ ئول نىگارىغا.
نىدا قىلار توختىماي زىنھار ،
دەيدۇ جانان كەلگىن يېنىمغا.
نەزەر سالدىم مەھبۇبە سىگە،
ھىچ كارى يوق يۈرىدۇ غەمسىز .
ئىزدىگىنى ئۇ ئەمەس بەلكىم،
كۆڭۈل ئىكەن ئاڭا يۈگەنسىز.
ئىچىم ئاغرىپ دىدىم يىگىتكە،
قىينالمىغىن چەكمىگىن پىراق .
ئازاپلىرىڭ بەرىبىر شۇڭا ،
كۈيۈشلەردىن ئۇ تېخى يىراق.
ئېيتتى يىگىت قەتئىيلىك بىلەن ،
مىنىڭ سۆيگۈم مەڭگۈلۈك ئەبەد.
يانالمايمەن ماڭغان يولۇمدىن ،
قان قېنىمغا سىڭگەن مۇھەببەت .
مەخمۇتجان يۇنۇس
| 90 قېتىم كۆرۈلدى | otyrek | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-8 23:38:27 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|