ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ
…
ھەزىرتىئىلى شەمشەر
ئانا بۈگۈن كىسەل بوپ يىتىپ قالدىڭىز ،
ئەجەپمۇ بىر غەملەرگە پىتىپ قالدىڭىز .
نىكۈن ئاغرىپ شادلىقتىن كىتىپ قالدىڭىز،
جانىم ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ.
…
مەن ئۈچۈن كۆيگەنتىڭىز مەن كۆيەلمىدىم،
بارىم دەپ بىلگەنتىڭىز مەن بىلەلمىدىم.
سىز ئۈچۈن كىسەل بولۇپ يا ئۆلەلمىدىم ،
جانىم ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ.
…
ياتتىڭىز بىتاپلىقنىڭ دەردىدە ئانا،
ئىيتىڭ قەيرىڭىز ئاغىردى يانا.
يوقلاپ كەلدىغۇ ئەل- يۇرۇتمۇ مانا،
جانىم ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ.
…
ئانا سىز ئەجەپمۇ بەك چەبدەس ئىدىڭىز،
قىيىن كۈنگە باش ئەگمەس بەردەس ئىدىڭىز.
باتۇرلۇقتا قەيسەر بىر ئەركەك ئىدىڭىز ،
جانىم ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ.
…
كىسەل بەكلا يامانكەن سىزنى ياتقۇزدى،
كۆزلەردىن مۇنچاق -مۇنچاق ياشنى ئاققۇزدى.
باغرىمغا بىر ئاتەش ئوت گۈلخان ياققۇزدۇ،
جانىم ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ.
…
ئانا پۇتىڭىز ئاغىردىمۇ ماڭالمىدىڭىز،
باغرىڭىزغا قىنىپ يا باسالمىدىڭىز.
شوخلۇق قىلىپ ئالدىمدىن قاچالمىدىڭىز ،
جانىم ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ.
…
چەكسىز ئۈمۈد شىپاتلىق تىلەيمەن سىزگە،
ياخشى دۇئا قىلىڭ ھەم سىز باققان بىزگە.
مېھىرلەر تىلەيمەن بارچە ئوغۇل - قىزگە،
جانىم ئانا يۈرۈگۈم ئاغىرۋاتىدۇ.
| 31 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-6 17:40:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|