بىچارە قىزنىڭ نالىسى

بىچارە قىزنىڭ نالىسى


كۆزلىرىمگە چېلىقار ھەر كۈن،

چېھرى سۇلغۇن بىچارە بىر قىز .

كۆزلىرىدە تارام-تارام ياش ،

زىنىقىدا ھەسرەتلىك بىر ئ‍ىز.


قىزنىڭ مىسكىن ھالىنى كۆرۈپ،

قاراپ-قاراپ تۇرۇپ كىتىمەن.

بىر تېگى يوق تۇيغۇلار ئ‍ارا،

خىياللارغا چۆكۈپ كىتىمەن.


تاقەتلەرگە بىرەلمەي بەرداش،

غەيرەت بىلەن باردىم قېشىغا.

ئ‍ۈمۈد بىلەن سورۇدۇم سۇئ‍ال،

- قانداق دەرىتلەر كەلدى بېشىڭغا؟


نازۇك تىنى تىترىدى شۇئ‍ان ،

كىرپىكىدىن تۆكۈلدى ئ‍ۈنچە.

پورەك ئ‍اچماي نەۋ باھار پەسلى،

ئ‍ۈزۈلۈپتۇ شېخىدىن غۇنچە.


يۈرۈكۈمگە سانجىلدى خەنجەر،

ۋۇجۇدىمنى ئ‍ۆرتىدى ھەسرەت.

بۇ رەھىمسىز ئ‍اچچىق تەقدىرگە،

كۆز ياشلىرىم ئ‍وقىدى لەنەت……


قەلەمدە: قۇرباننىسا ئ‍ابلىمىت





188 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:07:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-30 16:49:00
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ