يۈردۈم - مەردان ياقۇپ (غۇلجا)

 يۈردۈم
مەردان ياقۇپ (غۇلجا)


ئ‍ەسلىدىم ئ‍ۆتكەنكى دەل مۇشۇ كۈننى
ئ‍ىسىمدە ھازىرمۇ ئ‍ۇنتالماي يۈردۈم ،
شۇ كېچە يۈرەكتە ئ‍ەسلىمە قالغان
مەن قايتا ئ‍ىزدىدىم تاپالماي يۈردۈم ،

كۈلگەنتى بۇدۇنيا مەن بىلەن بىللە
كۈلكەمگە ساختىلىق قاتالماي يۈردۈم
بەختىمگە يولتۇزلار مۇيەسسەر بولغان
شۇ سەۋەپ يولتۇزغا باقالماي يۈردۈم ،

بىزلەرگە مېھمانكەن ئ‍ازاپ ۋە كۈلكە
كۈلەي دەپ بەزىدە كۈلەلمەي يۈردۈم ،
ئ‍ۆزگىنى شۇنچىلىك سۆيگەن بۇ يۈرەك
ئ‍ىقرارمەن ئ‍ۆزۈمنى سۆيەلمەي يۈردۈم ،

ئ‍اتىدىم ھەممىنى ئ‍اللاھتىن قورقۇپ
ئ‍ىنسانغا مەن ياخشى بولالماي يۈردۈم ،
ئ‍ويلۇدۇم بەزىلەر (تەڭرىم )ئ‍ەمەسكەن
مىڭ قىلىپ ئ‍ەجرىنى ئ‍الالماي يۈردۈم ،

يالغۇزمەن دۇنياغا يىغلاپ تۇغۇلغان
يالغۇز ھەم يىغامنى باسالماي يۈردۈم ،
مەن ھامان قەبرەمدە يەنىلا يالغۇز
شۇڭلاشقا بۈگۈنگە شۈكۈر دەپ يۈردۈم

ئ‍ەسلىمە بولۇپ قال گۈزەل ئ‍ۆتمۈشۈم
ئ‍ېزىلگەن يۈرەكنى ئ‍ېلىپلا يۈردۈم ،
يۈرۈگۈم ئ‍اغرىيدۇ ئ‍ۆتمۈش دىگەندە
مەن يەنە ئ‍ىنسانغا كۈلۈپلا يۈردۈم ،

بولدى باس !!ئ‍ىھ ھايات ئ‍ازا پلىرىڭنى
ئ‍ۆزگىگە مېھىرلىك باقالماي يۈردۈم ،
سۈكۈتلەر ئ‍ىچىدە مەن دۇئا قىلاي
تاشلارغا مىخلارنى قاقالماي يۈردۈم،

بەرىبىر دىيىشنى ئ‍ۈگەندىم بۈگۈن ،
بەرىبىر ئ‍ىنسانغا ياقالماي يۈردۈم ،
ساختىلىق يوق ئ‍ىدى بەرگەن كۆڭلۈمدە
ئ‍ۇھ دېدىم دەردىمنى تۆكەلمەي يۈردۈم،

بىلمىدىم بۇ نەفەس قاچان توياركىن
ئ‍ۆزگىنىڭ نەفسىنى باسالماي يۈردۈم ،
سەبىردىن گۈل تىكتىم ئ‍ىچىلار بىر كۈن
شۇ گۈلگە  شۈكۈردىن سۇ قۇيۇپ يۈردۈم ،


(2016/4/10).......
2016-11-12
        bagwax____118
     





253 قېتىم كۆرۈلدى mardan118 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 9:38:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-14 2:57:49 Dilnigar
ras bak yahxi yizipsiz
2016-11-13 1:41:10 turgan
ئ‍اپىرىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ