ئاشىق سۆزى - ​ ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان

  ئاشىق سۆزى

  ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان

نە كىرەكتۇر يار ماڭا مەنچۈن يۆرەكى كۆيمىسە.
يار دىگەنگە ئاغزىدا، ئاتەش قەلىبتىن سۆيمىسە.
چىن سۆيۈلسە-چىن سۆيۈپ بولمامدۇ شۇ سۆيگۈ دىگەن،
خوپ ئەمەسمۇ يار جانان كەپتەر كەبى خۇش ئۈنلىسە.


تىلى ۋايلار كۆڭلى لاي،دىلغا زەھەردۇر جانغا تىغ،
قۇت ئاتامدۇ يار دىگەن، ياردەك سىياقتا يۈرمىسە.
ئېچىلامدۇ قىشتا گۈل، گەر بولمىسا ياز نەۋباھار،
ئاغرىمامدۇ جان ئېقىپ، ياردىن ساداقەت كۆرمىسە.


سۆيگۈ ئۇ چاقچاق ئەمەس، ياكى ۋاقىتلىق بىر ئويۇن،
دەرت ئەمەسمۇ يار دىگەن، ئەھدۇ-ۋاپاغا كۆنمىسە.
سۆيگۈنى بىلمەي تۇرۇپ، سۆيدۈم دىمەكمۇ ساختا ئىش،
نىمە لەززەت ئېيتىڭا؟ سۆيگەننى گەر يار بىلمىسە.
     





44 قېتىم كۆرۈلدى ihsan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-7 11:39:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ