ھايات تۈگەر ئاھسىراپ
رىزۋانگۈل (مودەن)
نەھال بۇ ھېچ بىلمىدىم ،قەلبىم چىكەر ئىزتىراپ،
كۆزۈم ياشتا دىلىم مەيۇس،مەن تۇرارمەن ياتسىراپ.
ئۆتتى كۈنلەر يىگانە،ماڭا يۇقتۇر غەمخانە،
قايسى يالغان قايسى راس،ئىشىنەلمەي ھالسىراپ.
قەلبىم گۈيا سۆيگۈنىڭ دېڭىزىدۇر دولقۇنلۇق،
چۈشەنمىگەچ نىگارىم قالدىم ئەنە مۇڭسىراپ.
مۇھەببەتلىك يۈرەكنى بىلەتتىم جاندىن ئەزىز،
ئەپسۇس ئۆتتى كۈنلىرىم تەشنالىقتا قاغجىراپ.
ئۆتسەم دەيتتىم قول تۇتۇپ سۆيگۈمىزنىڭ دەشتىدىن،
گەر بەرمىسەڭ قولۇڭنى يۈرەك لەختە قانسىراپ.
يوقتۇر ئۇرۇن گۇمانغا پاك مۇھەببەت ئالدىدا،
ئىشەنمىسەڭ سۆيگۈمگە ھايات تۈگەر ئاھسىراپ.
2016-يىل 6-ئاۋغۇسىت مەكىت
32 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-1 13:02:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|