ئۆتۈپ كېتىدۇ

ئۆتۈپ كېتىدۇ 

 

دىلزات ئ‍ابدۇماناپ( ئ‍ەركە )

 

 كۈز پەسلىگە ئوخشايدۇ ھايات ،

گاھى غازاڭ تۆكۈپ كېتىدۇ .

ئ‍ارزۇلىرىڭ بولغاندا بەربات ،

سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ . 

 

 كۈتكىنىڭدەك بولماس ھەممە ئىش ،

 گاھى قىينار مىڭلىغان تەشۋىش ،

 تارتساڭ ئ‍ەگەر ئازاپ ۋە كەچمىش ،

 سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ . 

 

 ئەگرى- توقاي ھاياتلىق يولى ،

 گاھ توسايدۇ يامانلار قولى ،

 تەۋرىگەندە ھاياتىڭ غولى ،

 سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ . 

 

 ھايات گويا شىددەتلىك ئ‍ېقىن ،

 گاھى كۈلۈپ يىغلايسەن لېكىن،

 يامان كۈنلەر كەلگەندە يېقىن ،

 سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ . 

 

 ساختا سۆيگۈ بۇزۇلار ھامان ،

 تاشلاپ كېتەر (مەڭگۈلۈك )جانان ،

كۆپۈكلەرگە ئايلانسا ئ‍ارمان ،

 سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .

 

باقى ئ‍ەمەس ئ‍ىنسانغا ئ‍ۇزلۇق ،

 چۈنكى ، ھامان ئ‍ېرىيدۇ مۇزلۇق ؟

 يوقلاپ كەلسە سېنى يالغۇزلۇق ،

 سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ . 

 

 ياخشى بىلەن تەغدىرىڭنى قات ،

كۈلسە كۈلگىن ،جاپانى تەڭ تات ،

 كۈتكىنىڭدەك بولمىسا ھايات ،

 سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .

 

 2015.11.16





98 قېتىم كۆرۈلدى delzat8 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-17 0:56:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ