ياز
   ياز
 
    (ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
ياز ئەگەركى سەن شائىر بولساڭ،
چاپسۇن نەزىم تۇلپارىڭ سېنىڭ.

 
قەلەم تۆكسۈنكى دۇردانىلەر،
ھەقىقەت بابىدىن سۆز ئاچساڭ.

پىكرىڭ ھەقنى سۆزلىسۇن دايىم،
رىئال تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتسەڭ.

ئاچچىق شامالدىن ھەزەر ئەيلە!
نەپ بەرمەس ھەرقاچان ئۇ بىلسەڭ.

 
يېڭى دەۋران بىلسەڭ بۈلەك بۇ،
ھېممىتىڭ يېڭى بولسۇن بىلسەڭ.

باھاردەك ئاينىسۇن نوتىلار،
كۈچ ئىلىپ ئىلھامىڭدىن سېنىڭ.

 
ياماندىن يېراق بولغىن يەنە،
قىلمىشىڭدىن سۆيۈنسۇن خەلقىڭ.
 
ــــ شىپائى 2016- يىلى 29- يانۋار






130 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-29 20:49:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ