مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن
نەفىسە ئەفىر
مەن بىر قىز بالا لىكىن مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، ماڭا توپ تىپىشقا شارائىت يار بەرمەسلىكى مۇمكىن لىكىن مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن، مەن مەيدانلارغا چىقالماسلىقىم مۇمكىن. لىكىن مەن يەنىلا پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ياخشى كۆرىدىغان پوتبولچى يەڭگەن ۋاقتىدا ھاياجانلىنىمەن چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن.
بەزىلەر دەيدۇ بىر توپنىڭ كەينىدىن ئونى يۈگىرەيدىغان ئەخمەق دەپ لىكىن مەن شۇنداق ئەخمەق بولۇشنى خالايمەن چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، پۇتبول ماڭا دۇنيانى بېرەلەيدۇ چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، پۇتبول ئۇ مىنىڭ خۇشاللىقىم، بايلىقىم، بارلىقىم چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ مىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم ھەم سىردىشىم چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن , ئۇ يالغۇزلۇقۇمدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھىم چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، مەن ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ قەلبىمدە سۆيگۈنۈم كەبىدۇر چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىگە تەييارمەن چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن چىملىقتا بىللە يۈرەلمەيمەن لىكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ چىملىقتىكى رىقابەت مەيدانىدا كىم كۈچلۈك بولسا شۇ تەرەپكە ماڭىغىدىغان يۇمىلاق توپ لىكىن مەن يەنە ئۇنىلا ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ رونالدو نېيمار دەك پۇتبولچىلارنىڭ قەدىناس ھەمراھى شۇڭا مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ يىشىل چىملىقنىڭ شاھزادىسى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنى ھەرقېتىم كۆرگىنىمدە يۈرۈكۈم ھاياجاندا سوقىدۇ چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، سىز مىنىڭ ئاشىقلىقىمنى ھەرگىز چۈشەنمەيسىز چۈنكى مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، سىز پۇتبولنى ياخشى كۆرمەيسىز شۇڭا مىنىڭ پۇتبولنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىز مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ سىرداشقاندىكى ھىسياتىمنى چۈشەنمەيسىز چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، گەرچە مەن ئۇنى تەپسەممۇ لىكىن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن ، مەن پۇتبولچى بولالمىساممۇ مەڭگۈ پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، ئوغۇللاردەك پۈتۈن ھاياتىمنى ئۇنىڭغا بىغىشلىيالمىساممۇ ئۇنى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.
201 قېتىم كۆرۈلدى | NafisaaFir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-9 22:25:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|