ئۇنتۇش (شېئىر) - ئالىم ياسىن ئارمانى

ئۇنتۇش  

ئالىم ياسىن ئارمانى

خېيال بىلەن باشلاندى كۈنۈم،
ھېجرانلارنىڭ ئېچىلدى باغرى.
ھېچ سىرتىمغا تەپمىدى ئۈنۈم،
شاتلىقلىرىم ئۇنتۇلدى تالدى.

ئۈمۈدسىزلىك ئېپ كەتتى مېنى،
چۈشۈپ قالدىم بىر تال باشاقتەك.
كۈتتۈم كۈتتۈم يەنىلا سېنى،
تۈن-تاڭلارغا مۇھتاج بولغاندەك.

يېلىنجايدۇ چوغلانغان ئارمان،
تۈن قاپلايدۇ ئۇنتۇش ئىچىدە.
كۆيەر يۈرەك تامامى بۇ جان،
ئەڭ ئاخىرقى ئازاب ئىچىدە.


پەيزاۋات ناھىيە يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسىدىن
13579071133     





169 قېتىم كۆرۈلدى ئالىم ياسىن ئارمانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 15:41:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ