سەن بىلمەيتتىڭ
مۇھەممەت ھەسەن
سەن بىلمەيتتىڭ.
ساڭا مەنىلىك قاراشلىرىمنى ،
شۇ قاراشلىرىم ئىچىدىكى ساپ بىر ھېسىياتنى.
سەن بىلمەيتتىڭ.
چۈشلىرىمگە كىرىپ قالساڭ ،
خالايتتىمكى ،سېنى كۆرىۋىلىش ئۈچۈن مەڭگۈ ئويغانماسلىقنى.
سەن بىلمەيتتىڭ.
باشقىلارغا قاراپ كۈلسەڭ،
ئۆزۈمنى بەكلا يارىماس ھېس قىلىدىغانلىقىمنى.
سەن بىلمەيتتىڭ.
سەن كەتكەن كۈنى ،
سەن ئولتۇرغان ئايرۇپىلانغا قاراپ،
گۇيا ھەممە سەن بىلەن كەتكەندەك،
گۇيا يەرشارىدا مەن يىگانىدەك،
گۇيا……
سەن بىلمەيتتىڭ.
ماڭا ئۆچمەس جاراھەتلەر قالدۇرغىنىڭنى،
بىراق،بىلمەيتتىڭكى،سېنى يەنىلا ئويلايدىغىنىمنى. .
| 114 قېتىم كۆرۈلدى | Mhasan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-29 23:33:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|