ھايات
مەرۋايىت 💎
كۈۋەجەپ يۈرەكنى يارغاندا ھەسرەت ،
چوڭقۇرلاپ ۋۇجۇدقا تولغاندا نەپرەت .
سەن نېچۈن ھاياتقا سوئال قويمايسەن ،
قاراپ تۇر قەدىمىڭ يۆتكەلسە ھەررەت .
ھەر قەدەم ،ھەممىدە باردۇر بىر ھېكمەت ،
بەزىسى يۈك بولسا بەزىسى نىئمەت .
بىلىۋال !تۇرساڭمۇ ئازاپتا بۈگۈن ،
ھاياتنىڭ ئۆزىلا دەردىڭدىن قىممەت .
دەردىم دەپ ھاياتنى زايا ئەتمىگىن !
كۆزۈڭنى ھەق ئىشتا زىنھار ئەتمىگىن !
كەلسىمۇ جەۋىرلەر ۋىجدان سەۋەپلىك ،
غورۇرنى تاشلاپ سەن ھەرگىز كەتمىگىن !
| 51 قېتىم كۆرۈلدى | Marwayit | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-18 22:35:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|