دادامنى سېغىنىپ
روشەنگۈل ئابدۇۋايىت
ئۆتمۈشلەردە ياشىغان ئىدىڭ ،
كېتىپ قالدىڭ بىزدىن يىراقلاپ.
جان ئاپامنىڭ خاتىرىسىدىن ،
ئىزلەپ چىقتىم سېنى ۋاراقلاپ .

چۈشلىرىمدە خىرە ئەسلىمە،
نەۋرىلىرىڭ سورايدۇ سېنى.
كۆزلىرىمدە ھەسرەت ھالقىسى ،
نادامەتكە ئورايدۇ مېنى.

كۆيگەنكەنسەن پىراقلىرىمدا،
بىر تامچە سۇ بىرەلمەپتىمەن .
ئون ياش چاغدا ئايرىلىپ سەندىن ،
رازى بولغىن دىيەلمەپتىمەن.

ئۇچۇپ بارسام قېشىڭغا ئەگەر،
ياغاچ ئاتنى ئارىيەت ئېلىپ.
باسارسەنمۇ باغرىڭغا مېنى،
ئەشۇ مۇدھىش لىباسنى قايرىپ.
2016-يىل 2- 18 سەھەر
| 166 قېتىم كۆرۈلدى | روشەنگۈل ئابدۇۋايىت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-21 13:35:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|