ئاتامنى ئەسلەپ

        ئاتامنى ئەسلەپ


جامالىدىن يۈسۈپ يانار

جان ئاتا دۇنيادىن سەن كەتكەن چاغدا.
مەن تېخى بىرسەبىي- گۆدەك بالىدىم
ۋاقىتسىز كەتتىڭغۇ ئايرىلىپ مەندىن.
جان ئاتا مېھرىڭگە قانمىغان ئىدىم.

كەتتىڭ سەن دۇنيادىن بەك بالدۇر ئاتا.
زار يىغلاپ ھەسرەتتە قالدىم ئاھ ئۇرۇپ
سەن مېنىڭ شادلىقىم ئىدىڭغۇ بەختىم.
جان ئاتا بىئەجەل كەتتىڭ ياش تۇرۇپ.

ئەسلەيمەن جان ئاتا چەكسىز سېغىنىپ
ياش تۆكۈپ قەبرەڭدە ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ

تىرىلىپ قايتا بىر كەلسەڭچۇ يەنە.
ئۆتەيمەن جان ئاتا مېھرىڭگە قېنىپ.


2017يىلى.4ئاينىڭ.7كۈنى.تۇرپان شەھىرى.


      





21 قېتىم كۆرۈلدى جامالىدىن يۈسۈپ يانار. ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-8 8:33:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ