جان بالام

جان بالام

 

ئاپتورى: زەينۇرە رەھمۇتۇللاھ

 

 چەيلىۋەتتى سۆيگۈ گۈلۈمنى ،

 كۆڭۈل بىلمەس دەھشەت بىر قارام.

ئاڭلىيالماس دەرتلىك ئۈنۈمنى،

 شۇ دەردىمگە دەرمان بول بالام.

 

 سەن بولغاچقا سېزىپ يەتتىم مەۋجۇدلىقىمنى،

 ھېچكىم بىلمەس سېنىڭ ئۈچۈن غەم يۇتقىنىمنى،

سەن تۇغۇلساڭ قايتا تاپسام يوقاتقىنىمنى،

 شۇدۇر ئارمان قولۇمغا قول بولغىن بالام.

 

 ئۇز بولالماس باغلارمۇ ھەم چېچەكسىز گۈلسىز،

ئاۋازىم يوق ئۈنۈم بوغۇق يىغامدۇر ئۈنسىز.

 يارى يۈسسىز بىچارىمەن ئاتالدىم كۈلقىز،

 تۇغۇلۇپ تىز ھاياتىمغا گۈل بۇلغىن بالام.

 





137 قېتىم كۆرۈلدى 3235-8166 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-19 2:14:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-3 9:34:02 gulpayzi
bak yahxe yezipsez tehimu terixig .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ