ئ‍اناڭ شۇ ئ‍ۇ ئ‍ايىقىغا سۆي

ئ‍اناڭ شۇ ئ‍ۇ-ئايىقىغا سۆي

 

 ئ‍ېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

 

نى جاپادا چوڭ قىلغان سىنى،

 سەن ئ‍ۈچۈنلا ئ‍اققان تەر-قېنى،

 بىرەر قېتىم ۋايساپ باقمىغان،

 پەرزەنىت ئ‍ۈچۈن ئ‍اغرىسا جېنى.

 ئ‍اناڭ شۇ ئ‍ۇ-ئايىقىغا سۆي،

 سۈيىدە ئ‍اق،ئۇتىدا ھەم كۆي .

 

كۈن چىققاندىن تاكى پاتقىچە،

 تاڭدا تۇرۇپ تۈندە ياتقۇچە،

 بالا ئ‍ۈچۈن ئ‍ارام تاپمىغان،

 تەندە مادار تۇللۇق كەتكۈچە.

 ئ‍اناڭ شۇ ئ‍ۇ-ئايىقىغا سۆي،

سۈيىدە ئ‍اق،ئۇتىدا ھەم كۆي.

 

نىمىسى بار ساڭا بەرمىگەن؟

 سىنىڭ ئ‍ۈچۈن نىمە تەرمىگەن؟

 تۇغۇپ،بېقىپ،قاتار قوشقىچە،

 نى كۈن قالغان ئ‍ۇلار كۆرمىگەن...

 ئ‍اناڭ شۇ ئ‍ۇ-ئايىقىغا سۆي،

 سۈيىدە ئ‍اق ،ئ‍ۇتىدا ھەم كۆي. 

 

 بالا ئ‍ىدىڭ،بولدۇڭ بالىلىق،

 ئ‍ىشىڭدا بار يەنە چالىلىق،

 پەيدا بۇلار ئ‍ۈيۈڭدە دەرھال،

بالا باقالماي تاتساڭ خاپىلىق.

ئ‍اناڭ شۇ ئ‍ۇ-ئايىقىغا سۆي،

 سۈيىدە ئ‍اق،ئۇتىدا ھەم كۆي.

 

ئ‍ېيتە،ئ‍ۇنىڭ ياشلىقى نەدە؟

 سەرپ قىلدى،كىمگە قەيەرگە؟

ئ‍ادا بولماس قەرزىڭ بىر ئ‍ۆمۈر،

 يۈدۈپ بارساڭ مەككە،ھەرەمگە.

ئ‍اناڭ شۇ ئ‍ۇ-ئايىقىغا سۆي،

 سۈيىدا ئ‍اق،ئ‍ۇتىدا ھەم كۆي.

 

ھۇشيار بولغىن،كىتىپ قالمىسۇن،

 ئ‍ۈيىدە يالغۇز يېتىپ قالمىسۇن،

يوللۇرۇڭغا تەلمۈرگەن پېتى،

ئ‍ىڭەك چۈشۈپ،قېتىپ قالمىسۇن....

 شۇڭا دەيمەن،ئايىقىغا سۆي،

 سۈيىدە ئ‍اق،ئۇتىدا ھەم كۆي...

 

 2015-يىل 7-نويابىر ئ‍اقسۇ





341 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ېزىز تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-10 10:01:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-2 1:11:18 ئەخمەتجان سۇلتان
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ئ‍ىلھامىڭىز تازا كەلگەن چېغى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ