ساختا سۆيگۈ
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
پۇشايمان ئىلكىدە قالدىم نائىلاج،
كۆزۈم ياش يۈرەكتە دەت تولا بولغاچ.
ئاشىقلىق مىھرىگە قانمىدى يۈرەك،
رىئاللىق سايىسى مۇڭ زارغا تولغاچ.
مۇھەببەت گۈلنى چاچقان يوللارغا،
چىن يۈرەك سۆزلەرنى تىزغان قۇرلارغا.
ئەخمەق قىپ يالغاندىن ۋەدىنى بىرىپ،
پاك مىھىر ساپ دىلنى ساتتىڭ دوللارغا.
سەن ئەخلەت سەن نامەرد سەن بىر ۋىجدانسىز،
مۇھەببەت ئالدىدا گۇناھىڭ چەكسىز.
كۆزۈمنى ياشلىدىڭ يۈرەكنى ئەزدىڭ،
يوقالغىن يىراققا كەتكىن ۋاپاسىز.
قەدرىمنى بىلەرسەن كۆز ياشلىغاندا،
داد-پەرياد چىكەرسەن تاشلاپ قاچقاندا.
بىر يامان كەلمىگىچە ياخشىنى بىلمەس،
ئەزەلدىن ھەقىقەت كۆز ئاچقان چاغدا،
سىنى دەپ قالمىدى چەكمىگەن جاپا،
قەدرىمنى بىلمىدىڭ قىلمىدىڭ ۋاپا.
شۇنچىلىك ئازاپتا قالىسەن بىر كۈن،
دەتلەرگە چىدالماي تاپىسەن قازا.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ13-كۈنى(قەشقەر)
196 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-10 21:29:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|