ئازاپتا قالدىم
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
بەختىم كۈلمىدى سۆيگۈ باغىدا ،
قالدى قەلبىم ھىجران داغىدا .
نېمە ئوي بار يار خىيالىدا ،
سېنى سۆيۈپ ئازاپتا قالدىم .
يوللىرىڭغا زار بولۇپ قانچە ،
ئۇخلىماستىن تاكى تاڭغىچە .
مۇھەببەتتىن بەرمىدىڭ تامچە .
سېنى سۆيۈپ ئازاپتا قالدىم .
ئىككى يۈرەك سوقمىسا ئورتاق ،
دىلدا يامغۇر ياغىدۇ ھەر چاغ .
سۆيگۈم گۈللىرى يىگانىدۇر تاق ،
سېنى سۆيۈپ ئازاپتا قالدىم .
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-28 12:48:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|