ھىجران
شېئېر
ئاپتۇرى 👈 مۇھەببەت كۈيچىسى ، 👈مۇھەممەتجان سامساق
تولغۇنۇپ ھەسرەتتە ئۆتەر كۈنلىرىم ،
كۆرەلمەي سېنى مەن سۆيگۈ بېغىدا.
ئازابنىڭ قۇشلىرى سۈرىدۇ ھۆكۈم،
قالدۇرۇپ يىگانە ھىجران تېغىدا.
قىينىغاچ بۇ ئازاب ئۆرتەپ دىلىمنى،
مۇھەببەت بېغىدا قىلماقتا يىتىم.
زارىقىپ كۈتسەممۇ ئەقىدەم بىلەن،
مېھرىڭنى كۆرمىدىم بىرەرمۇ قېتىم .
سېغىنىپ ھىجراندا تولغاندىم يەنە،
يۈرەكنىڭ قاتلىرى كەتمەكتە قاناپ .
كۈزۈمدە تامچە ياش يەتمەي ۋىسالغا،
ئۆتمەكتە بۇ ئۆمۈر دەقىقە ساناپ .
سوقماقتا يۈرۈكۈم ھەسرەتلىك تىنىپ ،
ئازابنىڭ سۈيىگە چىلاندى قېنىپ.
سازلىرى چېلىنماي سۆيگۈنىڭ بىررەت.
شادلىقنىڭ لەۋلىرى كەتتى يېرىلىپ .
چاڭقىغان قەلبىمگە سۆيگۈ يامغۇرى ،
ھاياجان ياشلىرىنى تۆكمىدى بىر رەت .
شەربىتى تۇتىياھ ، قاقاس چۆللەردە ،
بىرتاتلىق مېھىرىگە تەشنا مەن ئەبەد.
ئاپتۇرى- ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن 👈مۇھەممەتجان سامساق
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار -15599755288
2017-4-10
| 176 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-10 22:02:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|