قالدىم

    قالدىم


تۇرغۇنجان كامال     


 لەۋلەر يېقىپ سۆيگەنلەر كەتتى،
يۈرىكىمنى تۇتقانچە قالدىم.
ۋەدىسىدىن تانغانلار كەتتى،
ھەسرىتىنى يۇتقانچە قالدىم.

ئەقىدەمگە ئېچىنار قەلبىم،
بىر ھىجراندا كۆيگەنچە قالدىم.
كۆنەلمىگەچ باشقا بىرىگە،
ساداقەتتە سۆيگەنچە قالدىم.

كەتكەن چېغى ئايمۇ سەن بىلەن،
ھەر كېچىدە كۈتكەنچە قالدىم.
ئىزدەپ قالدىم يۇلتۇزلاردىن ھەم،
سەۋرىم بىلەن ئۆچكەنچە قالدىم.


تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت

مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
     





90 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇنجان كامال ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 21:12:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ