ھاياتلىق - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

         ھاياتلىق

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  بارچۇق ئوغلى

كەتمەكتە ھاياتلىق ئۆتمۇش قويىنغا،
قالدۇردى ئىنساننى ھەسرەت قويندا.
پۇشايمان قاپلىدى غەپلەت باسقاننى،
ھۇششارلار گۈل قىستى ھايات يولدا.


كەتتىغۇ باللىق ،كەتتىغۇ ياشلىق،
كەتىغۇ ئاچزارلىق  كەتتىغۇ بايلىق.
خۇشاللىق ئازابلىق ئەسلىمە بولۇپ،
ئۆتەركەن بۇ ئۆمۇر بولۇپ جۇدالىق.

شۇكۈنلەر ،شۇئايلار ،يىللارمۇ ،ئۆتۈپ،
نى ئىسسىق سوغاقلار ئۆتەركەن باشتىن.
بۇھايات ئاجايىپ پاجىئەلىك ئىكەن،
جىق ئىكەن كۆرگۈنىڭ يىگەن نان ئاشتىن.

سۇرايمەن تەقدىردىن قايتا قايتىلاپ،
ھاياتنىڭ قىممىتى شاتلىقى نەدە؟
بىر ئۆمۈر ئادەملەر ئارماندا ئۆتۈپ،
تۇگەمدۇ ھاياتلىق قايغۇ ئەلەمدە.

ئۈندىدار
2318334127
  





36 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-18 15:09:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ