بالىلىققا قايىتقۇم بار
ئۇبۇلخەيرى شەۋقىي
ئات قىلىپ تال چىۋىقنى مىنگەن ئىدۇق بىز،
بالىلىقتا قۇم ئوردىلار تىزغان ئىدۇق بىز.
تەڭ بۈلۈپ بىر نان تاپساق يېگەن ئىدۇق بىز،
بولدى بەس، بالىلىققا قايتقۇم بار مېنىڭ.
ھازىرچۇ؟ مۇھەببەت سۇسلاشتى مانا،
سالاملار قىلىنماس بولدىغۇ يانا.
ئويۇنلارنى ئۇنتۇلدۇق، دوستلارنى ئاڭا،
بولدى بەس، بالىلىققا قايتقۇم بار مېنىڭ.
چوڭ بولدۇم ئەمدى مېنىڭ ئىشىممۇ تولا،
ئارمانىم بەك گۈزەل، چۈشۈممۇ تولا.
چىن يۈرەكتىن سىيرىلغان يېشىممۇ تولا،
بولدى بەس،بالىلىققا قايتقۇم بار مېنىڭ.
ئاشۇ چاغلار بەك گۈزەلل،بەك شىرىن ئىدى،
نى كىشىلەر«بالىلىققا قايىتقۇم بار»دىدى.
مىڭ ئەپسۇس، تەقدىر ئىكەن، ئامال يوق ئەمدى،
بولدى بەس، بالىلىققا قايتقۇم بار مېنىڭ.
بالىلىققا قايتقۇم بار، قايتقۇم بار مېنىڭ،
شۇ گۈزەل چاغلارنى تاپقۇم بار مېنىڭ.
شاش تۇرۇق ئاتلاردەك چاپقۇم بار مېنىڭ،
بولدى بەس، بالىلىققا قايتقۇم بار مېنىڭ.
2016.9.20
102 قېتىم كۆرۈلدى | ئۇبۇلخەيرى شەۋقىي | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-2 16:12:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|