بۈگۈن قانداق بايرام ؟
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
نەسىر
مەن ئۈندىداردىكى ئىشلىرىمنى بىر تەرەپ قىلىپ تۇراتتىم ، تۇيۇقسىز بىر ئاينىڭ ئالدىدا تونۇشقان ، پۇتى مىيىپ لېكىن كۆڭلى مىنىڭدىنمۇ ساق بىر قىزنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدىم . ئۇچۇر مۇنداق باشلانغان ئىدى :
« - ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟ ئۇزۇن بوپتۇ ئالاقە قىلمىغىلى . بىلىمەن سىز ئالدىراش ، مەن سىزنى تونىغاندىن بۇيان ، ياق ئۈندىدارىمغا قوشقاندىن باشلاپ ھاياتىم ئۆزگەردى ،ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان بولدۇم . ئىلگىرى مەن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاپامنى بىر غەمدىن قۇتۇلدۇراي دەپ ئويلاپلا يۈرەتتىم ، لېكىن سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن دۇنيادا سىزدەك ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ، ئادەمگە ماددىي بايلىق بىرەلمىسىمۇ لېكىن مەنىۋىي جەھەتتىن ئالتۇنغا تىگەشكىسىز سۆزلەرنى ھەدىيە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ سىزدەك ئادەم بولۇشنى ئويلاپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
سىزمۇ بىلىسىز مەن قەلەم تۇتالمايمەن پەقەت تىلفوندا خەت بىسىش ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقە قىلىمەن . مەن ئۈندىدار ئىچىپلا تۇنجى بولۇپ سىزنىڭ چەمبىرىكىڭىزنى ئاچىمەن دە چىقارغان ھەر بىر مەزمۇنلىرىڭىزنى قايتا - قايتا ئوقۇپ ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەيمەن . ئاندىن سىزگە نۇرغۇن خەتلەرنى يازىمەن يۇ لېكىن ، يەنە يۇيۋىتىمەن . ھىلىمۇ ئىسىمدە دەسلەپتە بىز پاراڭلاشقان شۇ دەملەردە سىڭلىم سىز مىيىپ ئەمەس ، ھەم تىخىمۇ يالغۇزمۇ ئەمەس ، بىلەمسىز مەنمۇ يىتىم ، ھازىرغىچە دادامنى كۆرۈپ باقمىدىم ، لېكىن مەن غەيرەت بىلەن ياشايمەن چۈنكى بۇ بىر سىناق ، مەن بەرداشلىق بىرىمەن ، مەن يىتىم بولغىنىم بىلەن مەن تونىيدىغان ۋە تونىمايدىغان نۇرغۇن قىرىنداشلىرىم ، ماڭا يالغۇزلىقىمنى بۈلدۈرمەيدىغان قەدىناسىم بار . سىزگە بىر گەپنى دەي ، تەڭرى ئەڭ يىقىن كۆرىدىغان بەندىلىرىنى شۇنداق سىناقلاربىلەن سىنايدۇ ، بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك دىگەن ئىدىڭىز . شۇ گەپلىرىڭىز ماڭا ئىلھام بولۇپ ھازىر ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھىس قىلىدىغان بولدۇم .سىزگەئىيتىپ بەرگەن ئىدىم ، مەن ئورنىمدىن تۇرالمايدىغىنىمنى بارلىق ھاجىتىمدىن ئانامنىڭ چىقىدىغانلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز . ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئاپام ھاجىتىمدىن چىقىۋاتىدۇ ، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ماڭا روھىيەت جەھەتتىن ئوزۇق بولۋاتىدۇ . گەرچە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ لېكىن ئۈندىداردىكى باش سۈرىتىڭىزگە يوغۇرلىغان رەسىمىڭىزدىن، ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلىرىڭىزدىن شۇنداق ئىسىل بىر ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن .
بولدى سىز ئالدىراش نەق گەپنىلا قىلاي . بۈگۈن ئادىتىم بويىچە ئويغۇنۇپلا ئۈندىداردىكى چىمبىركىڭىزگە قاراپ بالىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دىگەن يازمىنى كۆردۈم . بىلىمەن ، ئىلگىرىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم ھەر يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى بالىلار بايرىمى ، بۇ كۈنى بالىلار چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ ئوينىشىپ يۈرىدۇ . باغچىلارغا بارىدۇ ، لېكىن مەن ئۇنداق قىپ باقمىدىم ، مېنىڭ ئوينىغىدەك دوسلىرىم يوق ، شۇنداق بايرام ئۆتكۈزگۈم بولسىمۇ ئانامغا ئىغىرچىلىقىمنى سىلىشتىن قورقۇپ ئىغىز ئاچالمايمەن . بۇ بايرام توغۇرلۇق كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ لېكىن يەنە سىزدىن سورىغۇم كەلدى ، سىزدىن سوراپ باقسام بۈگۈن زادى قانداق بايرام ؟ »
ئۇ قىزنىڭ خىتى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشقان ئىدى . خەتلەرنى ئوقۇپ يۈرۈكۈم شۇنچىلىك ئىچىشتىكى ، بۇ ئىچىشىش ئالدىدا بىر قانچە كۈن ما بەينىدىكى ئازاپ ۋە ئاغرىق ھىچ نەرسە ئەمەس ئىدى . كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلدى . راستىننى ئىيتسام مەنمۇ تۇغۇلۇپ تاكى بۈگۈنگىچە بايرام ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ، بوۋاملارنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىنكى قارا كۈنلىرىمدە بايرام ئۆتكۈزۈش ئەمەس چوڭقۇر نەپەس ئىلىشقىمۇ سەل قورقاتتىم ، كىيىن ئانامنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلگەندە ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلىدىن باشقىلار چىرايلىق كىيىملىرىنى كېيىپ باغچىغا بارسا سىڭلىم ئىككىمىز ئۆيدە تىلۋىزور كۆرەتتۇق . كىيىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى باشلىغىنىمدىن بۇيانمۇ بايرام ئۆتكۈزۈش ماڭا نىسىپ بولمىغان . شۇنداق بولغان ئىكەن بالىلار بايرىمىنىڭ قانداق بايرام ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلا ئۇقمايتتىم . تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەن ئەسەر تەھرىرلە ۋىتىپ يازغۇچىلار تورىغا يوللانغان « بالىلار بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ناملىق بىر تىمىنى كۆرۈپ بۈگۈنكى بايرامنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى بىلگەن ئىدىم .
ئۇ قىزغا بىرقاتار تەسەللىي سۆزلىرىنى بەرگەندىن كىيىن تۈنۈگۈن كۆرگىنىم بويىچە بۈگۈنكى بالىلار بايرىمىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇچۇر قايتۇردۇم . لېكىن تۇرۇپ شۇنداق ئويغا چۆمۈپ كەتتىم قىزنىڭ «ئاكا ، بۈگۈن قانداق بايرام ؟ » دەپ سورىغان سۇئالىنى ئۇيلىنىپ قالدىم .
توغرا ، بۈگۈن بالىلار بايرىمى . ھەممە بالىلار خۇشال ھالدا يىڭى كىيىملەرنى كىيىپ بايرام ئۆتكىزىشىدۇ ، باغچىلارغا بىرىشىدۇ ، تاتلىق تاماقلارنى يىيشىدۇ . لېكىن بۇ بەخىتىن ھەممە بالىلار بەھرىمان بولالامدۇ ؟ ياق ! بۇ پەقەت كۆپ ساندىكى بالىلار بەھرىمان بولالدىغان تۇرمۇش . لېكىن ئاز بىر قىسىم ساندىكى بالىلار بۇلارنى پەقەت خىيالىدىلا تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ خالاس .
تۇرغۇن ئائىلەر قۇرساقنى ئاران باقىدۇ ، بايرام ئۆتكۈزۈپ بەرگۈسى بولسىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ . بەزى ئاتا - ئانىلار ئالدىراشلىق ئىچىدە ئامال قىلالمايدۇ ، بەزى ئائىلەر ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا دەل بۈگۈن ئۆز بالىرىنى ئاخىرەتكە ئۇزۇتۇپ قويىدۇ ، شۇ بەختى قارا بالىلارغا نىسپەتەن بۈگۈن مۇسىبەت .ئۇلاردا نە بايرام ، نە باخچىغا بىرىش ، نە تاتلىق تۈرمىلەرنى يىيىش .....
شۇنداق تۇرۇقلۇق بىرقىسىم بالىلار ئاتا - ئانىلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بۈگۈنكى بايرامدىن رازىي بولمايدۇ . مەن شۇلاردىن سوراپ باقاي ، بۈگۈن قانداق بايرام ، سىلەرگە زادى قانداق بايرام كېرەك ؟!!!
ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
2017-يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى ،ئۈرۈمچى
| 350 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-1 13:17:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|