پەرۋانىسەن
باھارگۈل ئىبرايىم
جانلىق بولدى①چەۋەنداز سۆھبىتى،
كۈيلەر ياڭراپ يۈرەكلەردىن.
دولقۇنلىدى جوشقۇن ھايات،
بالدەك شىرىن تىلەكلەردىن.

پەرۋانىسەن مۇزاتقا②مەخمۇد،
مىھرىڭ چاقنار جىيەكلەردىن.
تارىماقتا خۇشبۇي ھىدلار،
ئىلھامى گۈل-چېچەكلەردىن.

بەكمۇ جانلىق تەبىر بەردىڭ،
«پەيتى كەلسە جاندىن كەچمەك.
ئەسلى بىلسەك بارچە تەبىرنىڭ،
جان تومۇرى جاپالىق ئەمگەك.»

مايىل بولدى سورۇن ئەھلى،
مەقسەد ئېنىق ۋىسالغا يەتمەك.
ئىلھام ئالدى خوشال-خورام،
تەبىرىڭدىن كىرىپ كۆكرەك.
①مەشرەپتىكى سۆھبەت
②مەخمۇدجان خۇجا ئۈمۈدۋار
2016-يىلى17-فېۋرال باي
| 97 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-25 0:03:55 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|