سايىپجامال قىز
ئاپتۇرى: ئادىلجان ئۈسەنجان
ۋىسالىڭغا تەشنا يۈرەك ، سايىپجامال قىز!
ئەۋىجدىدۇر ئىزگۈ تىلەك، سايىپجامال قىز!
يار بولمىسۇن سەندىن بىلەك، سايىپجامال قىز!
بۇ يۈرەككە سەنلا كىرەك،سايىپجامال قىز!
سەن گۈل بولساڭ ،مەن كىپىنەك،سايىپجامال قىز!
سۆيگۈ پۇراپ تۇرغان كۆڭلۈم ساڭىلا خاستۇر،
قەلبىمدىكى ئۇشبۇ سۆيگۈ ھەم بىھىساپتۇر،
بەختىم دىگەن كۆزلىرىمگە كۈلۈپ قاراپ تۇر،
چۈشەنمىسەڭ يۈرەگىمنى،ئاچچىق ئازاپتۇر،
يېرىلسۇنمۇ ياكى كۆكرەك،سايىپجامال قىز!
كۈتكەن ئىدىم ، ئەمدى شۇنداق سىنى ئۇچراتتىم،
تەنھاغىنە غىرىپلىقنى سۆيۈپ ئويغاتتىم،
ۋىسالىڭغا ؟ ئۈمۈت بىلەن خىيالغا پاتتىم،
ھاياتىمدا شۇنچە ئىزدەپ سىنىلا تاپتىم،
ئىغىر كىلەر سەنسىز يۈرمەك، سايىپجامال قىز !
سۆيگۈ بولسا دىللار كۈلەر تەڭ خۇشاللىقتا ،
سۆيگۈ بولسا، بەخىت كىلەر، جۈپ خۇمارلىقتا،
سۆيگۈ بولسا، تىلەك تىلەر ئىنتىزارلىقتا،
سۆيگۈ بولسا، يۈرەك قالماس يالغۇز زارلىقتا،
خىيالىمدۇر كۈندە كۆرمەك، سايىپجامال قىز!!
سەندىمىدۇر، ئۆمۈر بەختىم تەغدىر پىشانەم،
سەندىمىدۇر، سەپەرداشلىق ئۆمۈر نىشانەم،
سەندىمىدۇر، بۇ يۈرەكتىن تۈكۈلگەن غايەم،
سەندىمىدۇر، جىمى جۈپلۈك، جۈپ بايرام ئايەم،
سوقار يۈرەك، جۈپ ئۆتۈنمەك، سايىپجامال قىز!!
ئىيتالمىدىم، كۆڭۈل سۆزۈم ، ئىختىيارىمدا،
ۋىسال بىغىڭ گۈزەللىكتۇر، ھىسىياتىمدا،
ئەنسىرەيمەن يىنىمدا يوق، سەن خىيالىمدا،
ئارمانمۇ يوق، سەنلا بولساڭ بۇ ھاياتىمدا،
كىلەرمۇ شۇ ،جۈپ سۆيۈنمەك سايىپجامال قىز!!
قەلىپ زارىم، ئاڭلاتتىمۇ ئۇچقان شاماللار،
ئىنتىزارىمەن، دىگەنمىدۇ ساڭا ئاۋاللا،
سىغىنىشتا كۆيدى يۈرەك قىينالدى جانلار،
ۋىساللىقىڭ سىغىنارمەن، پۈكۈپ ئارمانلار،
سايىپجامال، سايىپجامال، سايىپجامال قىز!!
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى..پەيشەنبە
133 قېتىم كۆرۈلدى | adiljan11 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-25 1:06:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|