جەننەت ئانام

         جەننەت ئانا

ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

ماڭا ساپ مىھىرىڭ بىلەن،راسلدىڭ باغ-جەننەت ئانا،
قەدىرىڭنى ھىچ بلمەپتمەن،ئوغلۇڭنى ئەپۇ ئەت ئانا.
كىريۇيۇپ ئاش ئتپ،كىر كيىم ئۇچاڭدا ئۆزەڭ ئاچ يېتپ،
مىھىرىڭ بلەن ئەللەيلتپ،چەكتىڭ كۆپ رىيازەت ئانا.
جاندىن ئەزىزى جان ئانىدۇر، مىھىرى ۋاپاسىى دۇردانىدۇر،
بارچە ھاياتلق نشانىدۇر،نامىڭ ساڭا سۈلكەت ئانا.
سەنسز نە ئادەملكىم ؟ بىر سەن تامان قۇچتۇم شەرەپ،
ئەجىرىڭدە تاپتىم ئناۋەت،ساڭا چەكسز ھۆرمەت ئانا.
پەرۋانېدىڭ بشمىدا،قانچە ئىغىر كۈن كەلسە گەر،
جان ئانامتىڭ ئىلھامى زەر، بارلىغىڭ ھەيىۋەت  ئانا.
سىنىڭ مىھىرى ۋاپايىڭدا،ھايات بەرگىم خازان بولماس،
ئاشۇ ئالەم كەبى قەلبىڭ، ماڭا چەكسز غەيىرەت  ئانا.
مەگەر قان بولمسا تەندە،بىلەمسەن تەندە جان نەدە؟
ئانسىز ئاپىريىدە نە بەندە؟ بارىمىغا سەن قممەت ئانا.
يىتەلمەس ھەرنە پەرۋشىتە،جان تەسەددۇق ئىتەرىگە،
ئۆتتى شۇنچە بشڭدىن، نى-نى كۆرۆم قسمەت ئانا.
ھەر كەچمشىڭ شانلىق سنىڭ،ھايات كۆز نورۇم مىنڭ،
پەرشتدۇر زاتىڭ-خلىڭ،سەندە بار كۆپ خسلەت ئانا.
باش ئەگمىدىڭ مەن ئۈچۈن، ھەر مۈشكۈلگە، ئەجبا،
مەن بىۋاپا، زەررىچىلىك، قىلماپتىمەن خىزمەت ئانا.
پەرزەنىت دىگەن بالا ئىكەن،ئەقل ھۇشى چالا ئىكەن،
جىدىلىمۇ تولا ئىكەن، قىلدىڭ كۆپ ھىممەت ئانا.
ئارامىم  يوق يېتپ قالغان چىغىم، بىشىمدا سەن سەكپارىدىڭ،
قىلاتتى كۆپ رەببىم سىنڭ،غىمڭگە چوڭ شەپقەت  ئانا.
سەن بىتاپ بولوپ قالىدىڭ،ھەيىرەتتە قاراپ قالدىم،
كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم، باسىتى مۇڭ،غەپىلەت ئانا.
كۆز ئالىدىمدا يوق ئىمكان،شۇئان يەتىكەندە قەدرىڭگە،
نادامەت يېشىدىن باشقا، بولىمدى ھىچ پۇرسەت ئانا.
يېشىم ئاقىتى بولوپ مارجان، يتىملكىم ئايان بولدى،
سنڭسز ئاھ يامان بولىدى،ئغىر كەلىدى مۇسېبەت ئانا.
ھايات چاغىڭدا باسىمغان قەدەملەر، ئەمدى قەبىرەڭگە،
سوكولدايمەن كۈرىك توخودەك،ئتىقادىم سۈننەت ئانا.
غىرپىمەن تام تۈۋىدە ئەمىدى،بارارغا قەبىرىڭىز قالدى،
نېتەي بارماي تىلەپ رەبتىن،پىردەۋىس جەننەت ئانا.

 2017-يىلى24-ئىيۇن گۇما (قارىتاغىز)
     


تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت 

مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى





77 قېتىم كۆرۈلدى bodak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-24 18:20:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ