شەمسىيە ئەبەيدۇللا غا ئاتاپ - ئادىل تۇرغان

 ئاتاقلىق رىياسەتچى  شەمسىيە ئەبەيدۇللا غائاتاپ

ئادىل تۇرغان

شېرىن چۈشنىڭ ئەلچىسى بولغان،
مىسكىنلەرنىڭ بەرىكىتى بولغان.
دىلكەشلەرنىڭ ھەسرىتى بولغان،
شەمسىيەدەك چولپانلىرىم.

چولپان نامى ئۆچمەس ئەسلا،
ئەل قەلبىدىن يۈتمەس ھەتتا.
قېرىنداشتىن كۈتمەس پايدا،
شەمسىيە دەك چولپانلىرىم .

مەددەت قىلغان سۆزلىرى بىلەن،
ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن.
ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان،
شەمسىيەدەك چولپانلارىم.

مېھرى ۋاپا بۇلبۇلى. بولغان،
خۇشاللىقنىڭ ئاچقۇچى بولغان.
مىسكىنلەرنىڭ مۇڭ كۈيى بولغان،
شەمسىيەدەك چولپانلىرىم.

قولدىن كەلسە ئەسلا ئايىماس،
مەنپەئەتلەرگە ھەتتا قارىماس.
يىغلىغانغا بىغەمسىز تۇرماس،
شەمسىيەدەك چولپانلىرىم.

ئەلگە بەرسە ئېشىنى ھەر ۋاخ،
ئەل كۆتۈرەر بېشىدا ھەر چاغ.
ئەل تۆرىدىن ئورۇن ئالغان،
شەمسىيەدەك چولپانلىرىم.

چىرايىدىن نۇرلار ئۆچمىسۇن،
قەلبلەرگە دەتلەر يەتمىسۇن.
سۆيگۈ ۋاپا سەندىن كەتمىسۇن،
شەمسىيەدەك چولپانلىرى.

دۇنيا بەرسە بەختلەرنى،
ساڭا بەرسۇن تەختلەرنى.
دوست يارەننىڭ دىلكىشى بولغان،
شەمسىيەلىك چولپانلىرىم.

  غولجا ناھيە 15599637818
2016-12-14
     





204 قېتىم كۆرۈلدى kuxkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-14 23:10:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-20 18:17:48 ئادىل
رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم
2016-12-17 21:08:11 ئادىل
👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍👍
2016-12-17 19:39:48 ئايشەمگۈل ئ‍ابدۇل
بۇ مەزمۇن شۇنداق ياخشى يىزلپىتۇ ،،شەمسىيە ھەدەمدەك مىھرى ئىسسىق ،،ھەممىلا يىرىدىن مېھرى تۈكۈلۈپ تۇردىغان ئ‍ەل سۈيەر مېھرىبانغا بۇ مەدھىيە سۆزى بەكلا ياخشى يىزلپىتۇ ياشاپ كىتىڭ تىخدىنمۇ يۈكىسىلڭ 😘😘😘
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ