چۈشۈمدە قالدى

چۈشۈمدە قالدى

 

ئەزىمەت

 

يۈرەكلىرىم پەرياد ئ‍ەيلىدى ،

گەر كۆرگىنىم چۈشۈم بولسىمۇ.

 تونىماسقا سالدىم شۇنچىلا،

گەرچە قىنىپ كۆرگۈم بولسىمۇ.

 

 يۈرمەكتىمەن ھىجراننى ئ‍ىلىپ ،

 شۇنچە دەرتسىز يۈرگۈم بولسىمۇ.

 چارىسىزمەن بەندە بولغاشقا ،

 تەغدىر پەلەك زار يىغلاتسىمۇ .

 

 بىر سۆيگىنىم باھارىم ئ‍ىدىڭ،

 شاتلىقىم شۇ باھاردا قالدى.

سەن يوق جىسمىم ئ‍ازاپنى يۈدۈپ.

 ھالسىزلاندى چارچىدى ھاردى.

 

 بىر سۆيگىنىم ھايات بىغىمنىڭ،

باھارىدا يازىدا قالدى.

 بىر سۆيگىنىم تاتلىق چۈشۈمنىڭ،

 مۇڭلىرىدا سازىدا قالدى.

 

 شاتلىقلىرىم كۈيۈمدە قالدى،

 ھەسرەت داغى يۈزۈمدە قالدى.

 ئ‍ۇيغۇنۇشتىن قورقىمەن دائىم ،

 جانان چۈنكى چۈشۈمدە قالدى .





186 قېتىم كۆرۈلدى azmat ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-3 10:47:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ