كەتتى كەلمەيدۇ
ياسىنجان قادىر
بۈگۈنلەر تۈنۆگۈن بولۇپ كەتتى،
تۈنۆگۈنلەر ئۆتمۈش بوپ قالدى.
پەقەت ئەتىمىزلا ئالدىمىزدا ماڭدى،
قەدىرلىمىگەن بۈگۈنىمىز،ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۆگۈن بولۇپ بىزنى پۇشايمان قىلدۇردى،
ھەم يەنە ئەتىمىز گە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ يولۇمىزنى توسۇپ قويدى.
ۋاقىت ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى،
ۋاقىت ئەنە شۇنداق ئېلىپ كەتتى،
سۈرەتلەر كۈيۈپ كەتتى،ئۇ خەتلەر ئۆچۈپ كەتتى.
تۇتۇشقان قوللار بوشاپ كەتتى،
يانداش قەدەملەر ئۇزاپ كەتتى.
ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى،كۈلكىلەر ئۆچۈپ كەتتى.
ئۇ كۈنلەر ئۇزاپ كەتتى،يارەنلەر توزۇپ كەتتى.
ئەقىدە سەدىقە بولۇپ كەتتى،
ئىشەنچلەر كۆپۈكلا بولۇپ كەتتى،
خۇددى سېسېق سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىقتىكى كۈپۈكتەك،
خۇددى يۇندا كۆلچىكىدىكى كۆپۈكتەك...
قېنى شۇ كۈلكىلەر قېنى؟
قېنى شۇ ۋەدىلەر قېنى؟
قېنى شۇ ئەقىدە قېنى؟
قېنى شۇ دەقىقە قېنى؟
كەتتى،ئۇلار ھەممىسى كەتتى.
كەتتى كەتتى،ھەممىسى كەتتى.
خۇددى ئېقىن سۇدەك ئېقىپ كەتتى،
خۇددى قۇم ئۈستىدىكى خەتتەك توزۇپ كەتتى.
خۇددى يەنە زۇلمەتتكى شامغا ئوخشاش كۈيۈپ ئېرىپ كەتتى،
خۇددى يەنە قاقاس يەرگە چۈشكەن يامغۇرغا ئوخشاش سىڭىپ تۈگەپلا كەتتى.
قالغىنى ئۆرتىنىش،
قالغىنى سېغىنىش.
قالغىنى ئەسلەش،
قالغىنى ئۆز-ئۆزىنى بەزلەش.
كەتتى شۇنداق ھەممىسى كەتتى،
كەتتى شۇنداق كەلمەسكە كەتتى.
كەتتى بۇلار ھەممىسى كەتتى،
كەتتى ئۇلار ھەممىسى كەتتى.
،،ئەمدى ئۇلار كېلەلمەيدۇ،
ئەمدى ئۇلار كەلمەيدۇ.
كەلمەيدۇ، مەڭگۈكەلمەيدۇ،
ھەرگىز ،ھەرگىز كەلمەيدۇ،
ئەبەدىل-ئەبەد كەلمەيدۇ...
54 قېتىم كۆرۈلدى | 1838207873 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-19 21:01:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|