چۈشلىرىمگە كىرمەمسىز (نەسىر) - تۇرغۇن راخمان

چۈشلىرىمگە كىرمەمسىز
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)


قۇياش كەبى گۈزەل جانانىم،مەن سىزنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم،ياخشى كۆرۈشلا ئەمەس،ئەكسىچە بەكلا شىرىن قەلبتە سۆيۈپ قالدىم،ھەتتاكى شامدەك ئىرىپ،كۆيۈپمۇ قالدىم، شۇنداق قىلىپ،مەيلى چۈشۈمدە بولسۇن،ياكى  ئوڭۇمدا بولسۇن،سىزنىلا  ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم.كەچ بولسىلا چۈشلىرىمدە پەقەت ۋە پەقەت سىزنىلا كۆرسەمكەن  دەيدىغان خىيالنىلا قىلىدىغان بولۇپ قالدىم،شۇ سەۋەپلىك تېزرەك ئۇخلاي دەيدىغانلا بولۇپ قالدىم.بەك ئەپسۇس،شۇنچە تىرىشساممۇ،زادىلا ئۇيقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم،ئەمما سىزنىڭ بەكمۇ خاتىرجەم ئۇخلاۋېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ قالدىم،ئەشۇ شېرىن،گۈزەل  خىياللار ئۈستىدە ئۆزەمنىڭ  قايسى ۋاقىتلاردا،ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى سەزمەيدىغان بولۇپ قالدىم،ئەمما  چۈشۈمدە بىرەر قېتىم  كۆرۈشنى ھەر كۈنى  ئىلتىجا قىلىپ ياتقان بولساممۇ ،ئاشىغىم سىزنى چۈشلىرىمدە زادىلا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.
پەرىشتەم سىزمۇ مۇشۇنداق خىياللاردا بولامدىغانسىز؟   بىلمىدىم،تاتلىغىم قېنى ئېيتىڭە،سىزمۇ مۇشۇنداق ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ئاڭلىشىمچە،يىگىت ئالدىراپ يىغلىمايدىكەن، يىغلىسا يۈرىكىدىن يىغلايدىكەن،ئەمسە سىزنىڭ نەرىڭىز يىغلايدۇ؟مەن سىزنى چۈشلىرىمدە كۆرەلمىسەم يىغلايدىغان بولۇپ قالدىم،قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى زادى بىلمىدىم، نىمىشقا كۆرەلمەيمەن؟تاتلىغىم،جاۋاب بېرىڭ،ئەجىپا سىز چۈشلىرىمگە كىرىشنى خالىمامسىزكىن؟نېمىشقا  مېنى بۇنچە چەكلەپ ئازابلايسىز؟
شۇ تاپتا سىز خاتىرجەم ئۇخلاۋاتىسىز،ئەزىزەم مۇشۇ ۋاقىتتا، چۈشلىرىڭىزگە  كىرىپ قالغان بولسام،ئوتلۇق  يۈرۈگۈم ۋە شېرىن سۆيگۈم بىلەن،سىزنى باغرىمغا مەھكەم بېسىپ، يۈزلىرىمنى،مەڭزىڭىزگە ئەركىن يېقىپ،يۈرىكىڭىزنىڭ پاك سۆيگۈمگە ماسلىشىپ،رېتىملىق سوقۇشلىرىنى ئاڭلىيالىغان بولسام،تاتلىق،تاتلىق سۆيۈپ،ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق،پاك سۆيگۈ ۋە ئوتلۇق مېھرىمنى سىزگە قانغۇچە بەرگەن بولسام، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە!
ئەزىزەم،مېنى راستلا باغرىڭىزغا باسمامسىز؟ھەقىقىي مېھرىڭىزنى بىرىپ،چىن سۆيگۈ ئاتا قىلمامسىز؟ئىشقى پىراقى بولغان بۇ مىسكىن غېرىب كۆڭلۈمگە ئوتلۇق مېھرىڭىز بىلەن ھەقىقىي سۆيگۈ ئوتى چاچمامسىز؟
جانانىم،مەن سىزنىڭ يولىڭىزغا قاراپ،پاك سۆيگۈم بىلەن سىزنى كۈتۈۋاتىمەن،قۇياش كەبى ھارارەت بىلەن يوللىرىڭىزغا سۆيگۈ ئوتى چېچىۋاتىمەن،ماڭا تېزرەك جاۋاب بېرىڭ،مېنى قاچان يۈرىكىڭىزگە ھەقىقىي باساسىز؟
سىزنى چىن دىل بىلەن كۈتۈپ تۇرغان سۇلتانىڭىزدىن ئەبەدىيلىك سۆيگۈ ئىلتىجاھى  يوللاندى،يۈرۈگۈمنىڭ  سوقۇشلىرى،نەپەسلىرىمنىڭ تىنىقلىرى،ئوتلۇق مېھرىم ۋە  ئەقىدەم بىلەن زور ئۈمۈد ئىستەكتە،جاۋابىڭىزنى  كۈتمەكتىمەن......
ھۆرمەت بىلەن:
     ساداقەتمەن ئاشىغىڭىز، سۇلتانىڭىز   مىسكىن قەلب





168 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 0:12:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ