سالامەت بولسۇن

سالامەت بولسۇن

 

 ئ‍اپتورى :خىلىل مۇھەممەت (ئ‍ۈمۈدۋار)

 

 ئ‍ۇخلىماي تۈنگىچە بىزدىن كەچ يىتىپ،

ھەركۈنى سەھەردە ناشتىلىق ئ‍تىپ ،

 ناشتىلىق تاماققا شىرىن تەم قىتىپ،

 ھارمىغان شۇ ئ‍انام سالامەت بولسۇن.

 

 قوللىرى كەتسىمۇ چاك- چاك يىرىلىپ،

كونىراپ كەتسىمۇ كىيىمى يىرتىلىپ،

كەتسىمۇ ئ‍اغرىقىتىن ياكى قىينىلىپ،

چانمىغان شۇ ئ‍انام سالامەت بولسۇن.

 

 ھاياتى بالام ۋە ئ‍ۆيۈم دەپ ئ‍ۆتكەن،

قايغۇ ۋە ئ‍ەلەمنى ئ‍ۆزىلا يۈتكەن،

 مىھرىدە ئ‍للىق بىر ئ‍ائىلە پۈتكەن،

 مىھرىبان شۇ ئ‍انام سالامەت بولسۇن.

 

 قولىنى دۇئاغا كۆتتۈرۈپ ھەر چاغ،

ئ‍ۇچۇرماي جاپاغا ئ‍اشسۇن داۋان تاغ،

 بالامنىڭ بولسۇن دەپ بارچە گۈزەل باغ،

 قول ئ‍اچقان شۇ ئ‍انام سالامەت بولسۇن.

 

 ئ‍انام بار يىنىمدا كۆڭلۈم توق ھامان ،

 قارا بوران،يامغۇردىن قورقۇش يوق تامان،

كۈلپەت كەپ چىرايىم بولساگەر سامان،

 يۆلىگەن شۇ ئانام سالامەت بولسۇن.

 

2015-يىلى12- ئ‍اينىڭ 1-كۈنى





143 قېتىم كۆرۈلدى خىلىل مۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 0:31:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ