يامغۇردىكى ھىد
ئابدۇللا كامال(گۇما)
2098738086
كەت كەت دىدىڭ يارىم يىراققا مىنى،
ۋەلىكىن كۆزلىرىڭ ئۈندەيدۇ قال دەپ.
سۆيگۈدىن مەس بولغان ئەسەبى يۈرەك،
خالىساڭ بۇ خەسىس جاننىمۇ ئال دەپ.
تىترىگەن لەۋلىرىڭ كەت دىدى يەنە،
خوش دىگەن قوللىرىڭ چارىسىز قالدى.
ئۇزاتقان دەملەردە جانسىز شۇ تىنىڭ،
كەينىمدىن ماڭارغا پۇتلىرىڭ تالدى.
كەت دىدىڭ قەسىمىم قالدى تۇمان بوپ،
ئىسمىڭدىن قەلبىمگە ياسىدىم قەبرە.
ياش ئاققان كۆزلىرىڭ كۈلكەمگە ماتەم،
پىغانىڭ يۈرەكنى قىلىدۇ لەختە.
ئۈزدۈڭمۇ ئۈمۈتنى شۈنچىلا مەندىن،
كۆزلىرىم ئازاپتا ۋالىلداپ ياندى.
قۇرغۇيۇم بۈركۈتۈم ، شاھزادەم دىگەن،
ئەپسۇسكى سۆزلىرىڭ بۈگۈندە چاندى.
باغلاردىن ھىدىمنى يالغۇز ھىدلىساڭ،
كۈلكەڭدىن روھىمغا ياساپ قوي كىپەن.
ئۆزگىلەر باغرىدا گۈل بوپ ئىچىلساڭ،
بىلىپ قال سەن ماڭا مەڭگۈلۈك تىكەن.
ئەينەكتىن سىرغىغان يامغۇر تامچىسى،
ھەسرەتلىك يىشىڭنى قىلدى نامايان.
سىغىز لاي كوكاتتىن تارىغان پۇراق،
دىماغقا ئۇرىدۇ ھىدىڭنى ھامان.
قايسىدۇر بىر كۈنى ئۇچۇرشۇپ بەلكىم،
سەن ماڭا ئىڭەكتىن قىلارسەن سالام.
ئۇنۇتما ئەقىدەم قالسىمۇ سەندىن،
يۈرەكتە ھىدلىرىڭ قىلىدۇ داۋام.
2016-5-20
ئەزىز قىرىندىشىم، ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، نامىمنى ئۆچۈرمەڭ ياكى نامىڭىزغا كۆچۈرمەڭ. ھۆرمەت بىلەن ئابدۇللا.
52 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇللا كامال | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-12 22:11:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-15 2:42:11 | سەرۋى |
ئاپىرىن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|