ھايات - ئىرشات مەمەت

 ھايات

ئىرشات مەمەت

ھاياتتا بەزىلەر قاقاقلاپ كۈلسە،
بىرلىرى كۈن بويى ئۆتىدۇ يىغلاپ.
بەزىلەر ئۆتسە گەر باي ۋە باياشات،
يوقلۇقنىڭ دەردىدە بىرلىرى قاقشاپ.

زارلانما ھاياتتىن رەھىمسىزكەن دەپ،
سەبىرقىل شۈكۈرقىل كۆرگەن كۈنۈڭگە.
باردۇركى بىر مەنا ھەربىر مۈشكۈلدە،
قايغۇلار مەڭگۈلۈك بولماس ئۆزۈڭگە.

بۇ جاھان بىرگە بىر تەڭشەلگەن جاھان،
بىركىمنىڭ بىرسىدە قالماس ھىچ قاچان.
مەيلى قىل ياخشىلىق ياكى يامانلىق،
قىلغىنىڭ ھەسسىلەپ يانىدۇ ھامان.
     





40 قېتىم كۆرۈلدى 0407520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-30 12:21:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ