سورىما مېنىڭدىن ھېچقانداق سوئال (شېئىر) - ئابدۇرشىت تۇرسۇن

 سورىما  مېنىڭدىن ھېچقانداق سوئال

ئاپتورى: ئابدۇرشىت تۇرسۇن

دەرت- ئازاب  يۈرەكنى قىلغاندا قامال،
كۈلۈشكە پەقەتلا يوق  مەندە  ئامال.
ئۆتۈنەي سېنىڭدىن ،مېنى جىمجىت قوي،
سورىما  مېنىڭدىن ھېچقانداق سوئال.

بىر  كۈنى ئېيتىمەن ساڭا ھەممىنى،
رېئاللىق ئىكەن ئۇ كۆزنىڭ كۆرگىنى.
دەپ قالما ئۇ بۇنىڭ قانداق قىلغىلى،
سورىما  مېنىڭدىن ھېچقانداق سوئال.

ئويلىسام ئامال يوق كۈلۈپ يۈرۈشكە،
شۇ شېرىن بەختنىڭ پەيزىن سۈرۈشكە.
ۋە ياكى  باھانەم يوقتۇر  ئۆلۈشكە ،
سورىما ، مېنىڭدىن ھېچقانداق سوئال.

بىر  كۈنى  تۈگەيدۇ ھەممە ،ھەممىسى،
شۇ  كۈنى ياڭرايدۇ دۈشمەن  كۈلكىسى .
دەل  شۇ كۈن شائىرىڭ  ئۆلۈپ  كەتكۈسى ،
سورىما  مېنىڭدىن  ھىچقانداق  سۇئال .


2017-يىل  4-ئاي14-كۈنى
شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېزىلدى
ئاپتۇر   ئۈندىدارى:13199846204





70 قېتىم كۆرۈلدى abdurxed ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-14 19:56:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ