يۈتكەن سەبىيلەرگە

يۈتكەن سەبىيلەرگە

 

سەبى ئىدىڭ گۈل ئىدىڭ گۈلىستاندا ئېچىلغان،

 خۇددى قۇياش نۇر بەرگەن بەرگىلىرىڭ نۇرچاچقان.

 ئاتا-ئاناڭ قوينىمۇ ئىدى ساڭا بىر جەننەت،

شۇ جەننەتنىڭ ھۇزۇرى بەختىڭ ئۈچۈن يول ئاچقان.

 

 قارا بوران قاچاندىن كۆتۈرۈلدى بىلمىدۇق،

ئايرىلىپلا سىلەردىن كۈلۈشنىمۇ ئۇنتۇدۇق.

 قۇلقىمىزدىن كەتمەيدۇ ئېچىنىشلىق يىغاڭلار،

 تېزراق تاپساق دەپ ئويلاپ ئامانلىقنى تىلىدۇق.

 

زالىملارنىڭ دەستىدىن پۇت-قوللىرىڭ سۇنۇلدى،

 《ئانا!》دىسەڭ ئاھ ئۇرۇپ يۇمران تېلىڭ كېسىلدى.

 ئوغرىلىققا سېلىندىڭ تىلەمچىمۇ بولدۇڭ ھەم،

 تۈگەتمىسەڭ ۋەزىپە تىرناقلىرىڭ يۇلۇندى.

 

 قارانىيەت ئىپلاسنىڭ قوللىرىدا كۈل بولدۇڭ،

ئاتا-ئاناڭ قوينىغا سېغىنىشتا زار بولدۇڭ.

چۇقۇم ئىزدەپ تاپىمىز غەيرەتلىك بول ئومىقىم ،

 سېنى ئىزدەش بۇرچىمىز ،نىشانىمىز سەن بولدۇڭ .

 

شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەش ئۈندىدار توپى ئۈرۈمچى 2-تارماق توپ پىدائيسى فەرىدە رىشىت يازمىسى





152 قېتىم كۆرۈلدى farida ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 11:38:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ