ۋىجدان مىنى ئېلىپ كەت

ۋىجدان مىنى ئېلىپ كەت

 

ئەيسا  (ئويغاق ) ‏

 

 ھەي ۋىجدان ! مىنى ئېلىپ كەت ، مىنى بۇ مۇھەببەت دۇنياسىدىن ئېلىپ كەت. مەن مۇھەببەت دۇنياسىغا پەرھات شىرىننىڭكىدەك، تاھىر-زۆھرەنىڭكىدەك مەڭگۈ ئۆچمەس مۇھەببەت ئىزلىرىنى رىۋايەت قالدۇرۇش ئارزۇسىدا كىرگەن ئىدىم. مۇھەببەت دۇنياسىغا كىرىپ شۇنچە گۈزەل گۈللەرنى كۆردۈم. ئۇلار بىر-بىردىن رەڭدار ئېچىلغان، خۇش ھىدى دىماققا ئۇرلاتتى. ئۇ گۈللەرنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەپتۇن بۇلۇپ، يېنىغا باردىم. ئۆزۈممۇ بىلمەي چۇڭقۇر سازلىققا پېتىپ قالدىم. بۇ ئەسلىدە بىر قىلتاق ئىكەن. بۇ گۈللەر قانچە چىرايلىق بولغانسىرى ئادەم ئۆزىمۇ بىلمەي، شۇنچە چۇڭقۇر سازلىققا پېتىپ كىتىدىكەن. دېڭىز بويىغا باردىم، ئۇ يەرگە بېرىپ شۇنچە چىرايلىق پەرىلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ مەستخۇش بولدۇم. مەن ئۇلارغا ئەگەشتىم، ئۇلار ماڭا ئىنتايىن يېقىملىق تەبەسسۇم قىلدى، مەن ئۇلارغا ئەگەشتىم. دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا كىرگەندە، تۇساتتىن ئۇلارنىڭ چىرايلىق ھۆسىن-جامالى ئۆزگۈرۈپ قارداپ، ئالۋاستىغا ئۆزگەردى. ئۇلار ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشتى. دېڭىزدا يىگانە قولۋاق بىلەن ئۆزۈم يالغۇز ئېزىپ قالدىم. ھەممە يەرنى قارا زۇلمەت قاپلىدى. قورقتۇم، بۇ مۇھەببەت دۇنياسى مەن ئويلىغاندەك گۈزەل ۋە شىرىن مۇھەببەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆز ياش، ئاھۇ-زار، ئالدامچىلىقلار بىلەن لىق تولۇپتۇ. مەن قورقۇپ قالدىم، بۇ مۇھەببەت دۇنياسىغا كىرگىچە بولغان گۈزەل ھەم شىرىن ئارزۇ- ئارمانلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. ھازىرقى خىيالىم بولسا بۇ مۇھەببەت دۇنياسىدىن قانداق قىلسام قۇتۇلۇپ كىتەلەرمەن دەيدىغان بۇلۇپ قالدىم. ‏

 ئەي ۋىجدان! مىنى كەچۈر، مىنى توسقۇنىڭغا قارماي ، سىنى تاشلاپ بۇ يەرگە كىرگىنىمنى كەچۈر!....، سىنىڭ ئاشۇ خىتابلىرىڭغا قۇلاق سالماي بۇ يەرگە كىرگىنىمگە بەك ئۆكۈنىمەن. سەن بولمىساڭ مەن بىر كۆز ئۇچۇق ئەما بۇلۇپ قالىدىكەنمەن. ياشاش يولۇمدىن، مەقسىتىمدىن ئازىدىكەنمەن. كەچۈر، مىنى ئېلىپ كەت. بۇ دۇنيا نىقاپلانغان كىشىلەر بىلەن تولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى بىر-بىردىن گۈزەل، چىرايلىق ئىكەن. ئەمما ئىچى بولسا ئىنتايىن قارا بۇلۇپ، يامان نىيەتلەر بىلەن توشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ يۈركى گۆش ئەمەس بەلكى تاش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ساڭا ئوخشىمايدىكەن، ۋجدانى مۇھەببەت ئۈچۈن قۇل بۇلىدىكەن. ئۇلار مۇھەببەتكە پۇل- مال، چىراي- تۇرۇق دىگەندىن باشقا شەرىتلەرنى قويمايدىكەن. ئۇلار بىر كۈندە نەچچە ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ، نەچچىنى تاشلىيالايدىكەن. بۇ يەردە شەرمى-ھايا، ئەدەب-ئەخلاقنىڭ ئورننى ئەيش-ئىشرەت، كەيىپ- ساپا ئاپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلرى شەپەرەڭ ئادەملەر ئىكەن. كۈندۈزى ئۇخلاپ، كىچىسى ئوينايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا گۇناھ خاتىرلىگۈچىلەر كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن دەپتەرلەر تولۇپ كىتىپ، دەپتەر يىتىشمەي قالىدىكەن. پەرىشتە ئۇلارنىڭ ئوڭ مۆرىسىدە يىغلاپ ئولتۇردىكەن. شەيتان ئۇلارنى باشقۇرغۇچى قۇماندان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بوينىدا شەيتاننىڭ نوختىسى بار ئىكەن. شەيتان ئۇلارنى قاياققا بۇيرىسا شۇياققا ماڭىدىكەن. ئەزرائىل بولسا قىلىچىنى بىلەپ، پەرمان كۈتۈپ ئۇلارغا قاراپ تۇدىكەن. بۇ مۇھەببەت دۇنياسىدا قىز-يىگىتلەر ئارسىدىكى مۇھەببەت ئەڭ يۇقرى ئۇرۇندا تۇردىكەن. نە ئاتا-ئانا، نە ئۇرۇق-تۇغقان، يۇرىت، ۋەتەن مۇھەببىتىدىن دىرەك يوق ئىكەن. ئۇلار بىر-بىرىنى ئالداپ، يىغلىتىپ كۈلدۈرىدىكەن. دەرىت-ئازابنى ئۇنتۇش ئۈچۈن دەپ، ئەپيۇن، خىروئىنغا بىرلىپ ئەجىلىنى كۈتىۋاتقانلار ئىكەن. ئەنە ئاشۇ، دەل ئۇلارنىڭ مۇھەببەت دۇنياسى ئىكەن. ‏ مەن قورقتۇم، ھەقىقەتەن قورقتۇم. پەرھات بۇلۇپ شىرىننى ئىزدىگەن ئىدىم، تاھىر بۇلۇپ زۆھرەنى ئىزدىگەن ئىدىم. ئەمما، بۇ مۇھەببەت دۇنياسىدا يىگانە بىر بەندە بۇلۇپ قالدىم. دەرەخ شېخىدا يالغۇز قۇشلار بىلەن قوندۇم، ئۇلار بۇ ئىنسانلاردىن بىزار بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن بۇرۇنقىدەك ئاشىقلارنىڭ يېقىملىق، مۇڭ كۈيلىرى ئەمەس بەلكى، نۇمۇسسىز سەت گەپلەر چىقىدىغان بوپتۇ. كىچىدە يۇلتۇزلار بىلەن سىرداش بولدۇم. ئۇلارمۇ بۇ مۇھەببەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ساختا ۋەدىللىرىگە گۇۋاھچى بولۇپ قۇيۇشىدىن نۇمۇس قىلىپ، بۇ دۇنيانىڭ كىچىسىنى يۇرتۇشتىن خىجالەت تارتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. تۇپراق بىلەنمۇ سىرداش بولدۇم. ئۇلارمۇ ھال-مۇڭىنى ئېيتىپ ئۇ:« -مۇھەببەت دۇنياسىدىكى ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ناپاك تەنلىرى بىلەن قوينۇمنى بۇلغۇدى، مەن ئۇلارنى ئۆز قوينۇمغا ئېلىشتىن نۇمۇس قىلمەن»-دىدى.

 مەن قورقتۇم، ھەقىقەتەن قورقتۇم. ۋىجدانىم ، مىنى كەچۈرگىن! ... ،مىنى بۇ گۇناھقا پاتقان مۇھەببەت دۇنياسىدىن ئېلىپ كەتكىن. ‏





278 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 14:47:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ