ئون تۆتىنچى فېۋرال كېچىسى
ئەسقەر قۇربان ئىقبال
ئون تۆتىنچى فېۋرال كېچىسى،
قىزىپ كەتتى ۋىسال كوچىسى.
قاپلاپ كەتتى جىمى ئەتراپنى،
خۇشپۇراقلىق ئەتىرگۈل ھىدى.
ئون تۆتىنچى فېۋرال كېچىسى،
ئۇساقلايدۇ پەقەت بىرسېنى.
ۋاقىت شۇنداق بىلىنەر ئاستا،
مەشۇقىنى ساقلىغانسىرى....
بار ئىدىغۇ يىگىت قولىدا،
خۇشپۇراقلىق قىزىل ئەتىرگۈل،
كۆرگىنىدە قىزنى يىراقتىن،
تاراپ كەتتى ئۆزگىچە مېھىر.
ئەتىرگۈلنى قولىغا ئېلىپ،
پۇراپ كەتتى يېنىش_يېنىشلاپ.
لەۋلىرىگە سۆيگەندەك گويا،
كەتتى يۈزگە قىزىللىق تاراپ.
كوچىدىكى چىراق نۇرىدا،
ئوتلۇق كۆزلەر ئۇچراشتى كۈلۈپ.
شالاڭلاشتى كوچىدا ئادەم،
يۈرۈپ كەتتى ۋىسالنى ئېلىپ.
ئون تۆتىنچى فېۋرال كېچىسى،
شىرىن ئىدى ئۇنىڭ ھەم چۈشى.
يېزىلىدۇ ئاپئاق كۆڭۈلگە.
تاڭ سەھەردە ئۇنىڭ كەچمىشى.
ئون بەشىنچى فېۋرال كېچىسى،
چۆلدەرىدى ۋىسال كوچىسى.
ئۈمۈت ئىچرە ساقلىغىن بىريىل،
يەنە كېلەر ۋىسال كېچىسى.....
مەنبە : كۈندىلىك خاتىرەمدىن
2016.2.12
83 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-13 16:32:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|