مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن - رەجەپ يۈسۈپ

مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن 


رەجەپ يۈسۈپ


نە بايلىقنى قىلمىدىم تاما ،
ھەشەمەتكە يوقتۇر ئىشتىھا .
ئ‍ىرىشكىنىم يىتىدۇ ماڭا ،
مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن.

خالىمايمەن ئ‍ىسىل پەرىجە ،
خالىمايمەن مەنسەپ دەرىجە .
كىبىرىم يوق قىلچە زەررىچە،
مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن .

ئ‍ىسكەندەردەك سۈرسىمۇ دەۋران ،
نەمرۇتتەك بولسىمۇ ۋەيران .
ئۆزگىلەرگە ئەمەسمەن ھەيران ،
مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن .

داچام يوقتۇر كەپەمگە شۈكرى ،
ماشىنام يوق مەپەمگە شۈكرى .
ئۇنتۇمايمەن ھەردەم شۇ ئ‍ىشنى ،
مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن .

پىيادە مەن قاۋۇل پۇتۇم بار ،
بەخىتلىك مەن گۈلدەك يۇرتۇم بار .
ئ‍ارتۇق بەخىت كۈتمەيمەن زىنھار ،
مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن .

توپلىساممۇ تاغدەك دۇنيانى ،
تۈزلىسەممۇ ھاڭنى قىيانى .
ئۇنتۇمايمەن دىلدىن خۇدانى ،
مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن .

ئ‍اچكۆزلۈكتىن تۇرىمەن يىراق ،
قانائەتلىك خۇشال ئ‍ۆتەرمەن .
مەن دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن ،
قانداق كەلسەم شۇنداق كىتەرمەن .

2016-يىلى10-ئاينىڭ 10كۇنى
    





267 قېتىم كۆرۈلدى babur ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 17:40:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-2 16:45:21 nabi
ئاداش ياخشى يىزىپسە تىخمۇ ياخشى يىزىشىڭغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ