يۈرەك دەردى - ئەكبەر ئەركىن

  يۈرەك دەردى
   ئەكبەر ئەركىن 


رام قىلدى كۆڭلۈمنى شۇ گۈزەل،
سىمايى كۆڭلۈم تۆرىدە ئولتىرار.
گۈل بەدەن، ئوقيا كىرپىك كۆزلەرى،
تۇيدۇرماستىن كۆڭلۈمگە تور يايار.

ئۇزاق بولدى يوللىرىڭغا تەلمۈردىم،
يۈرمەكتىمەن دەرتنى كۈي قىلىپ.
قانماسمەن كېچىنىڭ جىمجىتلىقىغا،
چۈشلىرىمگە سەن گۈلۈمنى جۆر قىلىپ.

كۆرۈپ قالدىم مېڭىۋاتسەن ئۇزاپ،
چېھرىڭدىن تۆكىلەر كۈلكە.
يالغۇز ئەمەس بارئىكەن جۈپتىڭ،
ئەمدى دەرتنى تۆكەيمۇ تۈنگە.

سوۋىدى يۈرەك، توڭلىدى شۇ دەم،
ئېرىمەس گەر قۇياشنى تاڭسىمۇ.
ئەستىن چىقماس مېنىڭ بۇ سۆيگۈم،
ئارىدىن نەچچە يىل ئەسىر ئۆتسىمۇ.

ئۈندىدار:2629888235     2016/10/11

     





36 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-1 1:43:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ