ۋەتەن - ئەخمەتجان ئەمەر

ۋەتەن

 

 كۆپ يىللارنى ئۆتكۈزۈپ چەتتە،

 مەن ئاخىرى كەلدىم ۋەتەنگە .

 ئەل يۇرتۇمنىڭ ئىللىق شامىلى،

 شىپا بولدى يارلانغان تەنگە .

 

 ئىقبال ئۈچۈن قىلغانتىم سەپەر،

 ئەل يۇرتۇمدىن مۇساپىر بۇلۇپ .

 چەت ئەللەردە بولساممۇ خاقان،

 ئاي كۈن ماڭا كۈرۈندى تۇتۇق .

 

 ئەمدى بىلسەم ئانا ۋەتىنىم ،

 ماڭا يۆلەك يېقىن دوس ئىكەن .

 بەرپا قىلسام چەت ئەلدە باغچا،

 گۈل ئۆسمىدى ياۋا گۈل تىكەن.

 

 چەت ئەللەردە بولغان ۋاختىمدا،

 كۈزۈم ئىزلەر ۋەتەنداشلارنى .

 دۇئايىمدا ياد ئەتىم دائىم ،

 ۋەتەندىكې قېرىنداشلارنى .

 

 ئەل يۇرتۇمنىڭ كەڭرى يايلىقى،

 چەت ئەلدىكى باغلاردىن گۈزەل.

 بۈلۈپ قويغىن ئەزىزدوسلۇرۇم،

 ئانا ۋەتەن ئىكەن بەك ئەۋزەل .

 

 ئەخمەتجان ئەمەر . زىيا





185 قېتىم كۆرۈلدى ZIYA5200 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-10 14:22:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-15 12:40:22 @@@
ھەقىقەتەن ياخىشى يىزىپ سىز،
2015-9-13 18:45:52 baxlamqi
ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ