سالام يوللا (شېئىر) - سۇلايمان ئېزىز

سالام يوللا (شېئىر) 

سۇلايمان ئېزىز


مىھرىڭ بىلەن سالام يوللا،
سىنى دوس دەپ بىلگەنلەرگە.
شەخسىيەتسىز سىنى ئەسلەپ،
يالغۇز قويماي كەلگەنلەرگە.

سىنى كۆرسە مەمنۇن بولۇپ،
گۈلدەك يايراپ كۈلگەنلەرگە.
پىتنە قىلغان دۈشمىنىڭگە،
قارشى ئوق بوپ تەككەنلەرگە،

سەن قايغۇرساڭ غەمكىن بولۇپ،
بەختىڭ ئۈچۈن كۈلگەنلەرگە.
ئامانلىقىڭ تىلەپ دائىم،
دۇئاقىلىپ يۈرگەنلەرگە.

بەخىت تىلە سەنمۇ دائىم،
سىنى دىلدىن سۆيگەنلەرگە.
ھىچ ئايانماي ياردەم قىلغىن،
سەندىن قاچماي كۆيگەنلەرگە.

سۆيۈملۈك دوسلىرىمغا ئاتايمەن
     





245 قېتىم كۆرۈلدى arkam ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 3:26:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-14 16:51:47 رىزۋانگۈل
بۇشېىر ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ😊😊
2017-3-4 15:19:08 arkam
🌷🌷🌷
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ