ئاشىىق نىداسى

ئاشىىق نىداسى


گۈل رۇخسارىڭ كۆزۈمدە قىتىپ قالدى  ، خۇش ئاۋازىڭ يۈرىكىمنى تىتىرەتتى،
شۇ بۇلاقتەق كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا قارغىنىڭدا پۈتۈن بەدىنىم لاۋادەك ئىرىپ كەتكەنىدى،
ئۇز بويىڭغا كىپىنەكلەر نەقىش بولسۇن،
سىمايىڭغا گۈللەر سايە بولسۇن،
تىنىقلىرىىڭدىن جىسمىم خۇش بولسۇن،
كۆز ياشلىرىڭ يەرگە چۈشمىسۇن، ھاياتىم! يۈرىكىمگە تامسۇن.
روھىمىز قىتىلىپ بىر بولسۇن ، كىشىلەر ئۇنى ساداقەت دەپ ئاتىسۇن،
كۆزلەر كۆزلەرگە ھەر باقسا  نۇرلار چىچىلغاي، بۇ نۇر مۇھەببەت بولسۇن،
سىمايىڭنى قولۇم بىلەن سىلاشقا ماغدۇر قالمىدى, گۈل چىھرىڭگە پاك مۇھەببەت سۆيۈپ قويسۇن.
كۆز يىشىمنى سۈرىتمىگىن،ئۇ ئاقسۇن ، ئىقىپ دەريا بولسۇن،سۆيگۈ دەرياسى بولۇپ پاك ئەقىدىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكار قىلسۇن.
كەل !قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ  پاك   سۆيگۈنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغىن.

    





177 قېتىم كۆرۈلدى ahgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-24 14:37:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ