ئ‍انامغا - مۈكەرەم نۇرىدىن

ئ‍انامغا 

 مۈكەرەم نۇرىدىن


تۇغۇلغاندا مەن ئ‍وخشىغان ئ‍انامغا ،
چوڭ بولغاندا ھەم ئ‍وخشۇدۇم ئ‍انامغا .
مۇلايىم ھەم قولى چىۋەر پەرىشتەم ،
مىھرى ئ‍ىللىق قۇياش سۈپەت ئ‍انامغا .

بار دەرتلەرگە چىداپ كەلگەن بىر ئ‍ۆمۈر ،
پەرزەنت ئ‍ۈچۈن ياشاپ كەلگەن ئ‍انامغا .
كۆكسى دەريا تىلى ھەسەل ئ‍ۇستازىم ،
گۈللەر تۇتاي مىھرىبانىم ئ‍انامغا.

يوقنى بارغا ئ‍ۇلاشتۇرۇپ چاندۇرماي ،
كۆز ياشلىرنى يوشۇرۇپ كەلگەن سەزدۈرمەي .
ئ‍اغرىقلارنى تەنھا تارتقان بىلدۈرمەي ،
تازىم قىلاي ئ‍اشۇ ئ‍ۇلۇغ ئ‍انامغا .

ئ‍انا بولسا بۇندىن ئ‍ارتۇق بولامدۇ ،
تىرىك تۇرۇپ گۆر ئ‍ازابى كۆرەمدۇ .
ئ‍انا بولماق ئ‍اشۇنداق چوڭ گۇناھمۇ ،
ئ‍ۇزۇن ئ‍ۆمۈر تىلەيمەن جان ئ‍انامغا.
     





96 قېتىم كۆرۈلدى مۈكەرەم نۇرىدىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-24 17:01:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-28 2:39:30 ئادىل
ئىسىل تىخىمۇ تىرىشىڭ قولىڭقزغا دەت بەرمىسۇن
2016-11-26 23:14:29 guzal
maga bake yahte
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ