مېنى يالغۇز قويماڭ كېچىلەر
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
سىزسىز تۈنلەر يۈركۈم پۇچۇق ،
ھەر تىنىقتىن ھەسىرەت تۆكۈلەر .
ئاي يۇلتۇزلار باقىدۇ سوغوق ،
مېنى يالغۇز قويماڭ كېچىلەر .
چۈشلىرىمىنى سوقسا جۇت بوران ،
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايدۇ رەيھان .
نەپىرەت بىلەن بېقىشساق ئەتە ،
گۈزەل كۈنلەر بەرگىسى خازان .
چېھرىڭزدىن ياغمىسۇن يامغۇر ،
كۈلكىڭىزگە خۇمار بۇلبۇللار .
سىز كەتسىڭىز يالغۇز قالدۇرۇپ ،
ئاھ ئۆلتۈرەر مېنى تۇيغۇلار .
مەن قورقىمەن بەكمۇ قورقىمەن ،
كېچىلەردە قېلىشتىن تەنھا .
مېنى يالغۇز قويغان كېچىلەر ،
قېلىپ قالىمەن يېتىم دۇنياغا .
| 81 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-13 12:01:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|