بىلىمەن سۆيمەيسىز مېنى
بىلىمەن سۆيمەيسىز مېنى.
بەلكىم سۆيەلمەسمەن ئۇ سۆيگەندەك سىزنى.
ئەمما سۆيەلمەس ھېچكىم مەن سۆيگەندەك سىزنى.
.
تەلەپ قىلماستىم
پەرھاتنىڭ بەدەللىرىدىن.
تاھىرنىڭ سۆيگۈلىرىدىن.
مەجنۇننىڭ ئاشىقلىقىدىن.
بەرسىڭىز كىچىككىنە مېھىر.
خۇشاللىقتا بەلكى ئۆلمەستىم.
بىلىمەن سۆيمەيسىز مېنى.
چۈنكى
ئاشىق سىز تومۇزدىكى قارغا.
ئاسماندىكى ئايغا.
ئاشىقلىق توسۇۋالدى كۆزىڭىزنى.
بىلدۈرمىدى قارنىڭ سوغۇقىنى.
كۆرسەتمىدى ئاينىڭ دېغىنى.
ھەتتا ئۇنتۇلدۇردى سىزگە.
تومۇزدا نە قارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى.
ئاينىڭ نەقەدەر ئۇزاقلىقىنى.
بىلىمەن سۆيمەيسىز مېنى.
ئەمما
ھېچ بىلەلمىدىم.
ئاشىق بولغان ئاشىقىڭىزنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلگىنىڭىزدە.
يېنىڭىزدا بار يوقلىقىمنى.
بىلىمەن سۆيمەيسىز مېنى....
98 قېتىم كۆرۈلدى | Atir715 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-8 19:59:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|