بولسام دەيمەن مەنمۇ بىر ئانا
پاتىگۈل ئاخۇنقارى
ئاددىي ئەمما ئۇلۇغ ئارزۇيۇم ،
بولسام دەيمەن مەنمۇ بىر ئانا .
بىر تولغاقتا كەتسەم مەيلىتى ،
كۆز ئاچسىكەن دۇنياغا بالا.
ئاشىق ئىدىم باھادىرلارغا ،
خىيالىمدا قىلاتتىم ھەۋەس.
يا جىسمىمدىن تۆرەلسە غۇنچە ،
پۇرىۋالسام قېنىپ بىر نەپەس.
بالام بولسا بېغىم بولاتتى ،
شۇ باغلىرىم گۈلگە تولاتتى .
دادىسىدەك ھەر ۋاق يېنىمدا ،
بۇ بەختىمگە تەخىت قۇراتتى .
ئانام شۇنداق ئارزۇ قىلغانمۇ ؟
بىر چاغلاردا مېنى بولسا دەپ ،
يۈرىكىمدىن تىلەپ كەلدىمغۇ ،
باھادىردەك بالام بولسا دەپ.
2017.3.18k
پاتىگۈل تەنھا مەرۋايىت
| 118 قېتىم كۆرۈلدى | پاتىگۈل ئاخۇنقارى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-25 17:07:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2017-3-27 3:28:47 | 7410 |
| سەبىر قىلىڭ،چوقۇم ئارزۇيىڭىزغا يىتىسىز؛ ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار: | |
| 2017-3-26 9:39:30 | پەرھاتجان تۇردى‹بۇلاق‹ |
| ياخشى يىزىپسىز يارايسىز قىرىندىشىم . | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|